تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 0

قالتىس ئىككى ھېكايە، ئوقۇشقا پېتىنالامسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-9-3 22:14:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

قالتىس ئىككى ھېكايە، ئوقۇشقا پېتىنالامسىز ؟
‏    1-ھېكايە: سىز بىر ئايالنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلدىڭىز ، ئەمما ئۇ ئايالنىڭ ئىلگىرى تۇغقان 8 بالىسىنىڭ ئۈچى تۇغما گاس، ئىككىسى تۇغما قارىغۇ، بىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى جايىدا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالنىڭ تاناسىل ئەزا يۇقۇملۇق كېسىلى بار. سىز ئۇ ئايالغا بالىنى چۈشۈرىۋېتىش تەكلىپىنى بېرەمسىز ؟
‏     مەن جاۋاب بېرىشكە تەمشىلىۋېدىم دوستۇم مېنى توختىتىۋالدى ھەمدە 2-سوئالىنى باشلىۋەتتى.
‏     2-ھېكايە : بىز ھازىر بىر رەھبەر سايلىماقچى. بۇ سايلامغا سىزنىڭ بىر بېلىتىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئۈچ رەھبەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە نەزەر سالساق :
‏    A نامزات : بەزىبىر سەمىمىيەتسىز سىياسەتۋازلار بىلەن ئالاقە قىلىدۇ، نىكاھتىن سىرتقى مۇناسىۋەت دائىرىسىمۇ بار. ئۇزۇن يىللىق تاماكا چېكىش تارىخىغا ئىگە، يەنە كۈنىگە 8 ~ 10 بوتۇلكا مارتېن ھارىقى ئىچىدۇ.
‏   B نامزات : ئۇنىڭ ئىككى قېتىم خىزمەتتىن ھەيدىلىش خاتىرىسى بار. ئۇخلىسا چۈش بولغىچە ئۇخلايدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا ئەپيۈن چەككەن، يەنە ھەر كۈن ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىسكى ئىچىدۇ.
C نامزات : ئۇ جەڭدە تۆھپە ياراتقان قەھرىمان. تاماقنى گۆشسىز يېيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. تاماكا چەكمەيدۇ، بەزىدە ئازغىنە پىۋا ئىچىپ قويىدۇ. ئەزەلدىن نىكاھتىن سىرتقى مۇناسىۋىتى بولۇپ باقمىغان.
‏     سىز بۇ نامزاتلارنىڭ ئىچىدە قايسىسىنى تاللايسىز ؟
‏     مەن جاۋابىنى قەغەزگە يازدىم. ئاندىن دوستۇم جاۋاب بەردى :
A نامزات - فىرانكلىن ، B نامزات - چېرچىل . C نامزات - گېتلىر
‏     مەن جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. دوستۇم ماڭا تەنە قىلىپ : -ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئەمەس، بەخت كەلتۈرەي دەپ گېتلىرنى تاللىدىڭىزمۇ ؟ ئەمىسە بايىقى ھېكايىگە كەلسەك، ئايالنىڭ بالىسىنى ئالدۇرېۋىتىش تەكلىپىنى بېرەمسىز ؟
‏     -بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئەمەس. بىز ھەر قاچان سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىمىز. شۇنچە جىق بالىنى مېيىپ تۇغقان كېسەل ئانا ئەلۋەتتە ئۇ بالىنى ئالدۇرىۋېتىشى زۆرۈر‏ -بۇ سىزنىڭ بىتخوۋىننى ئۆلتۈرگىنىڭىز ئەمەسمۇ، ئۇ دەل بىتخوۋىننىڭ ئانىسى.
‏     بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيرانلىقتا داڭقېتىپ قالدىم. دوستۇم جاۋابەن :
‏سىز ئۆزىڭىزنىڭ جاۋابى جەزمەن ئىنتايىن توغرا دەپ قارىدىڭىز. شۇنىڭدەك، ئىنسانلار  باشقىلارغا بەرگەن ئاددىي كۆز قاراشلىرى، باھالىرى بىلەن ئۆز قولىدا بىتخوۋىننى ئۆلتۈرۈپ گېتلىرنى يارىتىدۇ...
ئىزدەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-26 04:29 , Processed in 0.042551 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش