تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 525|ئىنكاس: 0

قىممەتلىك تارىخى ئاتالغۇلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2795

تېما

4520

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14667
قىممەتلىك تارىخى ئاتالغۇلار

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سالونىمىزدا ئېلان قىلغان تارىخى ئاتالغۇلار ھەققىدىكى يازمىلىرىمىزنى يىغىنچاقلاپ ۋە تۇلۇقلاپ ئېلان قىلدۇق . ساقلاپ قۇيۇڭ ، تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭ ، ياخشى ئىشلار مەخپى قالمىسۇن !

ئالمالىق : قورغاس تەۋەسىدە بۇلۇپ ،بىر تارىخى شەھەردۇر . بۇ يەردە كەڭ كەتكەن ئالمىزارلىق بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان . تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋىردە گۈللەنگەن شەھەر بۇلۇپ ، مىلادى 1352 - يىلى ئاقسۇدىكى خانىلق پايتەختىنى ئالمالىققا كۆچۈرگەن ۋە 1363 - يىلى ۋاپات بولغاندا ئالمالىق شەھرىگە دەپنە قىلىنغان . ئۇنىڭ مازىرى شۇ يەردە بولغانلىقتىن خەلق ئارسىدا بۇ يەر " مازار " دەپ ئاتىلىپ كىلىۋاتىدۇ .

بەشبالىق شەھىرى : ”بالىق “ سۆزى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا ”شەھەر“ دىگەنلىك بۇلۇپ ، بۇ " چوڭ شەھەر" ياكى "بەش شەھەر" دىگەنلىك بۇلىدۇ . ئۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە خانلىقنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان . جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنيەت تارىخىدا خېلىلا داڭق چىقارغان بۇ ئاۋات شەھەر ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى خارابلىشىشقا باشلىغان . چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە شەھەر مەركىزى بارا-بارا شەھەر جەنوبىغا ، يەنى ھازىرقى جىمسار ناھىيە بازىرىغا يۆتكىلىپ ، ئەسلىدىكى قەدىمى شەھەر خانىۋەيران بۇلۇشقا يۈزلەنگەن .

بالاساغۇن شەھىرى : بالاساغۇن قارا خانىيلار دەۋرىدە خانلىق پايتەختلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ، ئۇ ھەم سىياسى -ئىقتىساد ، ھەم مەدىنىيەت مەركىزى ئىدى . بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پەرىزى بۇيىچە بۇ شەھەر ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ئەتراپىغا جايلاشقان . 14 -ئەسىردىن باشلاپ ، ئۆزلۈكسىز يۈز بىرىپ تۇرغان جەڭلەر داۋامىدا بۇ شەھەر بارا-بارا مەۋجۇتلۇقىدىن قالغان .

ئېۋىرغۇل :قۇمۇل دىيارىنىڭ قەدىمكى جۇغراپىيىلىك نامى بۇلۇپ ، ئېۋىرغۇلدا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2 -ئەسىردىلا شەھەر بىنا بۇلۇشقا باشلاپ ، دەسلەپ "كۈنمۇلى" دەپ ئاتالغان . 13-ئەسىردىن باشلاپ ، بۇ ئاتالغۇنىڭ تەلەپپۇز شەكلى ئۆزگىرەپ "قامۇل" ۋە ئاخىرىدا "قۇمۇل" دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولغان .

قۇچۇ قەدىمى شەھىرى : قۇچۇ شەھىرى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ، مىلادىيەدىن بىرقانچە ئەسىر بۇرۇنلا "قۇچۇ شەھىرى" دەپ ئاتالغان . بۇ شەھەر 9-14 ئەسىرلەرگىچە قۇچۇ ئىدىقۇت پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان . 14-ئەسىردىن باشلاپ قۇچۇ ئىدىقۇت پادىشاھلىقى ئۆز قۇدرىتىنى يۇقىتىپ ، دۇنياغا مەشھور گۈللەنگەن ، ئاۋات قۇچۇ شەھىرى خارابلىشىپ ،ئاخىرى تاشلىنىپ كەتكەن .

كۈسەن : ( يەنى كۇچا ) قەدىمكى غەربى يۇرت خانىقلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ، ئورنى ھازىرقى كۇچا ناھىيىسى ئەتراپىغا تۇغرا كېلىدۇ . مىلادىيە 1-ئەسىردىن 3-ئەسىرگىچە تازا روناق تاپقان .

يارغۇل قەدىمى شەھىرى : تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىدىن 10 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان . يارغۇل قەدىمى شەھىرى مىلادىيە 3 -ئەسىردىن باشلاپلا بىنا قىلىنىشقا باشلىغان بۇلۇپ ، 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە . 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىدىقۇت خانلىقى بۇ يەردە يارغۇل ئايمىقىنى قۇرغان . 15-ئەسىرگە كەلگەندە مۇڭغۇل خانلىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، تۇرپان رايونىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقتىن ، يارغۇل شەھىرى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ۋەيران بۇلۇپ ، تاشلىنىپ خارابىيلىككە ئايلانغان .

تۇمارس - مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى ئايال قەھرىمانى . ئۆز خەلقىنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ يولسېز ھۇجۇمىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقى ۋە جەسۇر خاراكتىرى بىلەن مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سۆيۈنۈپ تىلغا ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان تارىخى شەخىستۇر .
تەخمىنەن مىلاددىن بۇرۇنقى 529-يىللىرى پارىس ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇشۇنى ئىمپىراتور كۇرۇشنىڭ باشچىلىقىدا ،ماسساگىتلار زېمىنىغا يەنى تۇمارىس پادىشاھلىقىدىكى مەركىزى ئاسىيا زېمىنىغا باستۇرۇپ كېلىدۇ . ئاقىۋەتتە تۇمارىس ئۆزىنىڭ ئەقىل -پاراسىتى بىلەن جەڭدە غەلىبە قىلىدۇ . ئىمپىراتۇر كۇرۇشمۇ جەڭدە يۇقىتىلىدۇ  .

(案办) ئامبال -خەنزۇچىدىكى   
يەنى "ئىش بىجىرگۈچى" دىگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى بۇلۇپ ، ناھىيەنىڭ باشلىقى ، ھاكىم دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . ئامبال ئەينى دەۋىردە پۈتۈن ناھىيەنىڭ مەمورىي ، سىياسى ، ئىقتىسادىي ، مائارىپ قاتارلىق بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغان .

پىشامشان - غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى خانلىقلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ، بۇرۇنقى نامى كىرورەن ئىدى . مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارقىلىق دەپ ئاتالغان . 9-ئەسىردە قۇم بېسىپ كىتىپ خارابىيلىككە ئايلانغان . ئورنى بۈگۈنكى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە .

تۈمەن دەرياسى - قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى بۇلاق سۇلىرىدىن ھاسىل بولغان دەريا بۇلۇپ ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات،يىڭى ئۆستەڭ ۋە ئاققاش يېزىلىرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ .”تۆمىن“ قەدىمكى تۈرك تىلى بۇلۇپ ،”دېھقان“ دىگەن مەنىدە . تۈمەن دەرياسى دىگەن سۆز ”دېھقان دەرياسى“ دېگەنلىك بۇلىدۇ . بۇ سۆز بۇ دەريا سۈيىنىڭ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

رىسالە-ئەرەبچە سۆز بۇلۇپ ،”قوللانما،كىتابچە“ دېگەن مەنىلىرى بار .

سارت-ئەسلى سانسىكىرتچە ئاتالغۇ بۇلۇپ ، سودىگەر دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .بۇ نام تۈركلەردىن مۇڭغۇللارغا تارقالغان بۇلۇپ،ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلمەكتە .لىكىن بۇ ئەزەلدىن بىر مىللەتنىڭ نامى بولغان ئەمەس .مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ مەھمۇد قەشقىرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ”سارت“  دەپ ئاتىلىشى بولسۇن ، ياكى نەۋايى دەۋرىدە پارىسلارنىڭ ”سارت“  نامى بىلەن ئاتىلىشى بولسۇن ۋە ياكى قازاق ،قىرغىزلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ”سارت“  دەپ ئاتىشى بولسۇن ، شۇنداقلا قىرغىزىستاندىكى قىزغىزلارنىڭ ئۆزبېكلەرنى ”سارت“  دەپ ئاتىشى بولسۇن ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ”سارت“ سۆزىنىڭ لېكسىلىق مەنىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

غەيرى ماددىي مەدىنىيەت مىراسى - ئۇ خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ياتىدىغان ، ئاممىۋى تۈس ئالغان ، ئاۋام ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەل ئىچى مەدىنيىتى ،يەنى ئەپسانە -رىۋايەتلەر،ئورۇنلاش سەنئىتى ،ئىجتىمائى ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يۇسۇن،ھېيت،بايرام مۇراسىملىرى،خەلق ئىچىدىكى تەجرىبىلەر،ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ .

غوجىدار- غوجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئەسلىدە ”خۋاجە“ بۇلۇپ ،ئۇستاز ،بەگ ،مەخدۇم دىگەن مەنىدىكى سۆز . ئۇ بايلارنىڭ ئائىلە ۋە مال-مۈلكىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ .

قارا خانىيلار- قارا سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ” بۈيۈك ،ئۇلۇغ ،كۈنچىقىش  تەرەپ“ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .قارا خانىيلار مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ،بالاساغۇن ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان خانلىق .

كوراگان- مۇڭغۇل تىلىدىن كىرگەن سۆز بۇلۇپ ، پادىشاھنىڭ كۆيئۇغلى دىگەن مەنىدە .

كىروران-غەربىي يۇرت ”قۇرىغار“  نىڭ قەدىمكى خاندانلىقلىرىدىن بىرى . مەركىزى لوپقا يېقىن كاننى شەھىرى بۇلۇپ ، كىيىن ”پىشامشان“غا ئۆزگەرتىلگەن .

كۈسەن-قەدىمكى غەربىي يۇرت خانلىقلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ،ئورنى ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيەسى ئەتراپىغا تۇغرا كىلىدۇ .

ساكيامونى - سانسىكىرىتچە سۆز بۇلۇپ ، مەنىسى ساكلارنىڭ ئەۋلىياسى . ئەسلى ئىسمى سىددەرتا بۇلۇپ قەدىمكى ھىندىستان دۆلىتى پادىشاھىنىڭ شاھزادىسى .  ئۇ بۇددا دىننىنى ئىجاد قىلغاندىن بېرى بۇددا دىنى مۇرتلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ ساكيامونى دەپ ئاتىغان .

مۇغۇل ئىمپىرىيىسى - مىلادى 1526 -يىلى ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا گۈللەنگەن بابۇرىيلار پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ”مۇغۇل“ ئاتالغۇسى ”مۇڭغۇل“ سۆزىنىڭ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن كەلگەن بۇلۇپ ، ئىمپىرىيەنى قۇرغۇچى بابۇر ئۆزىنى مۇغۇل دېگەچكە مۇغۇل ئىمپىرىيەسى دەپ ئاتالغان . مۇغۇل ئىمپىرىيەسى 1857 - يىلى ئەنگئىلىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ھالەك بولغان .

مۇئەسسە - قۇرۇلغان ،بىنا قىلىنغان ،ئورگان ،تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ .

مىرزا-كاتىپ ياكى مەخسۇس ئوردا پۈتۈكچىسىنى كۆرسىتىدۇ .

ساموراي-ۋالىي دەرىجىلىك ئەمەل نامىنى كۆرسىتدۇ .

تارانچى-جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى جەنۇبى شىنجاڭدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئىلى ئەتراپىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندۇرغان . ئادەتتە ئۇلار ”تارانچى“ دەپ ئاتالغان . ”تارانچى“ مۇڭغۇل تىلىدا ”يەر تېرىغۇچى“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

يەتتە شەھەر -بەزى ئەسەرلەردە ھازىرقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر،يەكەن،خوتەن،ئۇچتۇرپان،ئاقسۇ،كۇچا،كورلا قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆزدە تۇتسا ، بەزى ئەسەرلەردە قەشقەر،يېڭىسار،يەكەن،خوتەن،ئاقسۇ،كۇچا،كورلا قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆزدە تۇتۇلغان.”تارىخى ھەمىدىيە“ دە بولسا قەشقەر،يەكەن،خوتەن،ئاقسۇ،ئۇچتۇرپان ،كۇچا،تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . بەزىدە ئالتە شەھەرمۇ دېيىلىدۇ . ئۇمۇمەن جەنوبى شىنجاڭ رايونىنى كۆرسىتىدۇ .

يەتتە سۇ -ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە ، بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان يەتتە دەريا ئېقىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ .

ئىسسىقكۆل-ھازىرقى قىرغىزىستاندا بۇلۇپ ، ئۆز ۋاقتىدا غەربىي يۇرتقا بارىدىغان قاتناش يولى بۇ يەردىن ئۆتەتتى . ئۇنىڭ ئەتراپىدا تارىختىن بۇيان ئاسىيۇلار،كۆكتۈركلەر،چىگىللەر،قارلۇقلار،قىرغىزلار ياشاپ كەلگەن .

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى-مىلادى 741-يىللىرى ھازىرقى مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدە ،قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئورخۇن ۋە سېلىنگا دەريا بويلىرىدا قۇرغان  خانلىق . توپتۇغرا 100 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ خانلىق ئىچكى-تاشقى ئاپەت زەربىسىدىن مىلادى 840-يىللىرى يىمىرىلگەن .

دورغا-كونا مۇڭغۇل تىلىدىكى ”دارغا“ سۆزىدىن كەلگەن بۇلۇپ،ناھىيەدىن يۇقىرى ھەربىي مەمۇرى ئەمەلدارلار شۇنداق ئاتالغان . بۇ سۆز ئۇيغۇرلارغا مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ”دورغا،سالى دورغا بەگ،قۇربان دورغا بەگ“شەكىلدە ئۆزلەشكەن بۇلۇپ ، بارا-بارا بۇ مەنسەب نامى دەۋاگەرلەرنى سۈيلەپ ، ئالۋان-ياساق يىغىدىغان ئاددى چاپارمەننىڭ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بولغان .

شاڭيو-كونا دەۋىردە يىزا باشلىقى دەرىجىسىدىكى ئەمەلدارلىق مەنسىپى .

ئامبال-كونا دەۋىردە ناھىيە ھاكىمى  دەرىجىسىدىكى ئەمەلدارلىق مەنسىپى .

دوتەي-كونا دەۋىردە ۋالىي دەرىجىسىدىكى ئەمەلدارلىق مەنسىپى .

خاس ھاجىپ-باش مەسلىھەتچى ،ساراي ۋەزىرى .

ئىدىقۇت-ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ خانلىرىغا بېرىلگەن ” بەخت ئاتا قىلغۇچى “ دىگەن مەنىدىكى پەخرى نام .


پايدىلانغان مەنبە : : شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان " ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى "

مەنبە: ئىقبال سالۇنى

http://mp.weixin.qq.com/s/kEl0tCTlfhCZVVS9FajzRg


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-26 04:27 , Processed in 0.045028 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش