تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 293|ئىنكاس: 0

ﺳﯚﻱ ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯩﺮ جانان ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-3-1 09:42:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
1.jpg

تاھىر تالىپ:
ﺳﯚﻱ ﺩﯦﺪﻯ ﺑﯩﺮ جانان  ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ،
ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ.
ﺳﯚﻱ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺭﺍﯞﺍﻕ ﺋﯜﺯﺭە،
ﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺋﺎﺷﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ.

روزى سايىت:
ﺭﺍﯞﺍﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻣﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ،
ﻧﺎﺯﯨﺪﺍ ﻗﺎﺵ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﭼﺎﭺ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ،
«ﺳﯚﻱ»ﺩﯦﺴﻪ، ﻣﻪﺷﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺋﯘ،
ﻛﻪﺗﻜﯜﻟﯜﻙ ﭘﻪﺷﻨﻰ ﻗﯧﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ.

تاھىر تالىپ:
ﺳﯚﻱ ﺩﯦﺪﻯ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺯﺍﺗﻤﺎﻱ،
ﺳﯚﻱ ﺩﯦﺪﻯ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺍﺗﻤﺎﻱ.
ﺳﯚﻳﺪﯛﺭﻣﻪﻙ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ،
ھﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻻﺗﻤﺎﻱ.

روزى سايىت:
ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺴﻪ،
«ﺳﯚﻱ!» ﺩﯦﺴﻪ، ﮔﯜﻟﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﺥ ﺋﻪﮔﻜﯜﺯﻣﯩﺴﻪ،
ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﭘﯘﺭﺍﻣﺪىكەن ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺗﻨﯩﯔ،
ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﺪە ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻟﻪﯞ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﺳﻪ.

تاھىر تالىپ:
ﺳﯚﻱ ﺩﯦﺪﻯ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﺗﻪﯕﻠﻪﭖ ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﻨﻰ،
ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻱ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯚﺭە ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﻰ.
ﻣﯜﺭەﻣﻤﯘ، ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﯧﻐﯩﺮ،
ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺭەﭖ ﺗﻪﯕﻘﯩﺴﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﯩﻨﯩﻨﻰ.

روزى سايىت:
«ﺗﺎﭘﺎﻧﻐﺎ ﺳﯚﻱ!» ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺳﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘ،
ﺯﺍﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ھﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯘ.
ھﯩﺪﻻﺷﻤۇ ﺋﺎﺯﺍﺏ، ﻧﻮﻣﯘﺱ، ﺳﯚﻳﯜﺵ ﺗﯜﮔﯜﻝ،
ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺕ ﺩەﺳﺴﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯘ.

تاھىر تالىپ:
ﺳﯚﻳﻤﯩﺴﻪﻡ ﺳﻪﻛﺮەﭖ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﭼﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ،
ﺗﯧﺮەﻣﻨﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺳﻮﻳﯘﭖ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ.
«ﺳﯚﻳﻤﯩﺪﯨﯔ ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﻤﻨﻰ، ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ» ﺩەﭖ،
ﺩﻭﺯﯨﺨﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ھﻪﻳﺪﯨﻤﻪﻛﭽﻰ.

روزى سايىت:
ﺳﯚﻳﻤﯩﺴﻪﯓ ﭼﻪﻳﻠﻪﻣﺪﯨﻜﻪﻥ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ،
ﺗﯧﺮەﯕﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﺪﯨﻜﻪﻥ ﻗﻪﺳﺘﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ؟
ﻗﻮﺭﻗﻤﯩﻐﯩﻦ، ﺗﯩﺘﺮەﻳﺪﯗ ﺋﯘ ﺭﺍﯞﯨﻘﯩﺪﺍ،
ﺋﻮﺭﻧﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻤﯘ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ.

تاھىر تالىپ:
ﻣﻪﻳﻠﯩﺪﻯ ﭘﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩمۇ،
ﺳﯚﻳﻪﺗﺘﯩﻢ ﻳﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﻥ ﺑﻮﭖ ﺗﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ.
(ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﯘﺗﻤﯩﺴﯩﻜﻪﻥ،­
ﺩەﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﻣﻪﺷﯘﻕ، ھﻪﺗﺘﺎ ﻏﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ.)
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:47 , Processed in 0.256664 second(s), 28 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش