تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 259|ئىنكاس: 11

يۇمۇرلار |

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-5-8 06:45:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  ئىنتايىن ئۇرۇق، ئەۋارى ئۈچ ئاۋاق گۇي ئۆزىنىڭ بۇرۇن ناھايىتى سىمىز، ئىشتىھاسى ھەممىدىن ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا پو ئېتىشىپ قاپتۇ، بىرىنچىسى:
-كىچىك ۋاقتىمدا ئىشتىھايىم شۇنچىلىك ياخشى ئىدىكى تاماق يىيىشتە دادامنىمۇ يېڭىۋالاتتىم.
ئىككىنچىسى:
-ئۇ قانچىلىك ئىش ئىدى، مەن كىچىك ۋاقتىمدا تاماق يېسەم تويماي قاچا بىلەن چوكىنىمۇ يەپ قوياتتىم.
ئۈچىنچىسى:
-سىلەرنىڭ ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەن، ئاپام ھامىلدار ۋاقتىدا تەكشۈرتسە دوختۇرلار قوشكېزەك دەپ دېياگنوز قويۇپتىكەن كېيىن يالغۇز مېنىلا تۇغۇپتۇ.
ئىككىسى:
-يامان
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-5-14 19:27:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەۋۇ……
ئوتتۇرا مەكتەپ چاغلىرىم……
دەرسكە كېچىكىپ قالدىم.ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىرىپلا،مۇئەللىمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇردۇم.
بالىلار تېپتېنىچ ئولتۇرغانىدى.
مۇئەللىم ماڭا قاراپ:
-ئەمدى كېچىكمەڭ،قېنى ئولتۇرۇڭ-دەپلا دوسكىغا قاراپ خەت يېزىشقا باشلىدى.
ۋۇي،بۇ قىززىققۇ ،ئىلگىرى “ئۆيۈڭدە باقىدىغان  كالاڭ ،، ئىمىتىدىغان بالاڭ بارمىتى”دەپ قاقشايدىغان مۇئەللىم بۈگۈن مىنى سىزلەپ  كېتىپتا……
مۇئەللىم دوسكىغا خەت يېزىۋاتقاچقا،مەن جايىمغا بارغۇچە،ئۇنىڭ دۈمبە تەرىپىگە كېلىپ، ھەرخىل بوكسىيورلۇق مۇشت ئاتقان ھەرىكەت،بەللىرىمنى تولغان ھەرخىل ئۇسسۇل ئويناپ ،نايناقشىپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ تۇرۇپلا قالدىم……
ئەننەڭنى……
مەكتەپ مۇدىرلىرى ،باشقا سىنىپنىڭ مۇئەللىملىرى كەينىدە بىر قاتار ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ……
ئۇھ……
ئۇ يىلى مەكتەپتە، لوناردو،بىكخام دىن قالسا،مەن ئەڭ داڭلىق شەخس بوپ قالدىم……

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-5-18 21:12:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ……
چوڭلار بۇرۇن مىنى باشقىلارنىڭ قوشنىمىزنىڭ بالىلىرى بىلەن بەكلا بەسلەشتۈرەتتى.مەيلى ئوقۇشى بولسۇن،مەيلى نەتىجىسى بولسۇن~ئىشقىپ بەكلا سېلىشتۇراتتى……
بىر چاغدا سۇغۇرتا شېركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر تونۇشى كېلىپ،مۇشۇ بىر قوشنىنىڭ ئوغلىنىڭ ماشىنا ھادىسسىگە ئۇچرىغانلىقىنى، بىراق بالا سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ قويغاچقا،سۇغۇرتا شېركىتى ۋە شوپۇرنىڭ بىر مۇنچە تۆلەم بەرگەنلىكىنى ،نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشكىنىنى سۆزلەپ كەتتى ……
ئاپام بۇ چاغدا ماڭا قاراپ:
-كۆردۈڭمۇ خەقنىڭ بالىسىنى، سەن ھېچنىمە قىلالمايسەن مانا……
مەن:
-ئۇھ……

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-5-27 23:22:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرلىك بىرەيلەن يېزىغا بېرىپ بىرمۇنچە مال چارۋا ئوتلاپ يۈرگەن يەردە بىر دېھقاندىن سوراپتۇ ئاۋۇ كالىنىڭ نىمىشقا مۈڭگۈزى يوق؟  دېھقان : بەزى كالىلارنىڭ ئېرسىيەت سەۋەبىدىن مۈڭگۈزى يوق بولىدۇ،بەزىلىرى كېسەللىك سەۋەبىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ،بەزىلىرى ئۈسۈشۈپ مۈڭگۈزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇئەمدى سىز دەۋاتقان جانىۋارنىڭ مۈڭگۈزى بولماسلىقىدىكى سەۋەب ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېشەك

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-5-27 23:22:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ……
ئايالىم بىرىنچى قېتىم پولۇ ئەتكەندە، كۆيدۈرۈپ،قاپقارا قىلىۋەتتى……
مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم:
-تۇنجى قېتىم پولو ئېتىشىڭ،تەجرىبەڭ يوق ،ھېچقىسى يوق……
ئىككىنچى قېتىم پولو ئەتكەندە،قاپقارا قىلىۋەتتى……
مەن ئۈندىمەي ،ئۇنىڭغا مېھىرلىك باقتىم……
ئۈچىنچى قېتىم پولو ئەتكەندە،يەنە قاپقارا قىلىۋەتتى……ئاچچىقىم نەدىن كەلدى،قازاننى ئېلىپلا يەرگە كۈچەپ ئېتىپ پارە پارە قىلىۋەتتىم،……
ئاندىن غەزەپ ۋارقىرىدىم:
-قانداق دىگەن ناچار قازان بۇ،تاتلىق ئايالىم ئۈچ قېتىم تاماق ئەتسە،ھەممىنى قاپقارا قىلىپ كۆيدۈرىۋەتتى……بۇنداق ناچار قازاننى چاقماي بولمايدۇ!ئايالىمنىڭ خاتالىقى ئەمەس، قازاننىڭ خاتالىقى!
ئايالىم ئاچچىقىمدىن چۆچۈپ كەتتىمۇ بىلمىدىم،قولىدىكى چەيدونى ئاستا قويۇپ قويدى~

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-6-7 15:25:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خالمۇرات يېقىندىن بۇيان كۈندۈزى ئالدىراشلىقتىنمۇ،كىچىسى ئۇخلىسا بەكلا جۆيلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.
مانا،بۈگۈن ئىدارىدىن ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى 8قىلدى.خالمۇرات بەستلىك،ئېگىز بولغاچقا ئارقاننىڭ ئەڭ كەينىدىن تۇتۇشقا تەيىنلەندى.
مۇسابىقە باشلىنىپ،ئىككى تەرەپ كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى.تۇيۇقسىز خالمۇرات بىلەن بىر گۇرۇپتىكىلەر ئارقاندىن قولىنى بوشاتتى.ئەمدى يالغۇز خالمۇرات قارشى تەرەپتىكى يىگىرمە نەچچە ئادەم بىلەن تارتىشىشقا مەجبۇر بولدى.
قەيەردىن كەلگەن كۈچكىن،خالمۇرات ئۇلارغا پەقەت يېڭىلمىدى،ئۇلارمۇ خالمۇراتنى سۆرەپ كىتەلمەيۋاتاتتى.خالمۇرات بولسا،ئارغامچىنى ئاستا ئاستا ئۆزى تەرەپكە يىغىۋاتاتتى.خالمۇرات يېڭەي دەپ قالغاندا،ئۇنىڭ باشلىقى كېلىپ،ئۇنىڭ بېشىغا پاسس قىلىپ بىرنى سالدى.
خالمۇرات چۆچۈپ ئويغاندى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىگە غەزەپ بىلەن قاراپ تۇرىۋاتقان ئايالى تۇراتتى:
-بىششىڭنى يەيدىغان،ساڭا تىگىپ،توڭلاپ ئۆلىدىغان بولدۇمغۇ،نىمە يوتقىنىڭنى تېپىۋىتىپ،مىنىڭ يوتقىنىمنى تارتسەن،تېخى ئەجەپ كۈچەيسەنا……
خالمۇرات شۇندىلا ئۆزىنىڭ چۈش كۆرۈپ،جۆيلۈپ كەتكىنىنى بىلدى.
ئايالى ئۇنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە قاتتىق جۆيلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالغىنىدىن ئەنسىرەپ،ئۇنى دوختۇرخانىغا زورلاپ ئاپاردى.
دوختۇر:
-بۇنىڭ تازا ياخشى داۋاسى يوق.چۈش كۆرۈش ئادەمنىڭ كۈندۈزدىكى جىددىيلىك تۇرمۇشىنىڭ كەچتە ئەكىس ئېتىشى.شۇڭا ئۇنىڭغا ئىشتىن چۈشكەندە ،دېققىتىنى بۇرايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلاڭ،مەسىلەن مۇزىكا ئاڭلىسۇن.كىتاپ ئوقۇسۇن،باشقىرەك تېلىۋىزور فىلىملىرىنى كۆرسۇن.
خالمۇراتنىڭ ئايالى دوختۇرنىڭ دىگىنى بويىچە،خالمۇرات ئىشتىن كەلسىلا،ئۇنىڭغا ئون ئىككى مۇقام ناخشىلىرىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى.
بىر ئىككى كۈن خالمۇرات جۆيلۈپ تۇرمىدى.ئايالى ئۈنۈمى بولدى دەپ،ئون ئىككى مۇقامنىڭ سۈرەتلىك پىلاستىنكىسىنى قويۇپ بەردى.
كەچتە تاتلىق ئۇيقىدىكى ئايالى بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.خالمۇرات قاچان ئېلىپ كىردىكىن،قولىغا سۈپۈرگە بىلەن تۇتىۋالغانىدى:
-بالا دەشتى ئارا مەجنۇن مىنىڭدە كۆپ……
ئۇ بىر ئاھاڭلاردا توۋلاۋاتاتتى:
-بەلىيەت……
ئايالى ئۇھ دەۋىتىپ،ئاڭلاپ ئولتۇردى:
-دەردى مەجنۇن……بالا كەگەن ئىنسانغا ئارام بومماس……
خالمۇرات ئەمەسلا بىر تېكىستلەرنى قوشۇپ ئېيتىۋەردى:
-ئايارەي،ۋاي دادەي…ئاق ئالما قىزارغاندەك……
ئايالى تۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى:
-توۋا،چوقۇم چۈشىدە ئۆزىنى بىرداڭلىق مۇقامچى بولۇپ چۈشىدى،كىم بولغابدۇ،قېدىرخان ئۇستاز بولغانمىدۇ،ياكى مەخمۇت ئوتۇنچىمىدۇ؟
خالمۇرات تۇيۇقسىزلا يېتىپ،يوتقاننى بوينىغىچە تارتىپ،سۆزىنى باشلىدى:
-شاھىم……مەن……كېتىپ قالىدىغان ئوخشايمەن،شاھىم مىنى كەچۈرسىلە،مەن مۇقامنى رەتلەپ بولالمايلا……مەن يازغان ئىككى كىتاپنى ……چوقۇم……ئەۋلادلار……
ئايالى بەرداشلىق بېرەلمەي خالمۇراتنى تۈرتۈپ ئويغاتتى:
-ھەي بىمەنە،بىر ئەر كىشى تۇرۇپ،ئاماننىسا خېنىم بولۇپ چۈش كۆرەمسەن،توۋا……
ئويغانغان خالمۇراتمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-توۋا،ئاماننىسخان بولۇپ چۈشەپ قاپتىمەن،تېخى كىنزەكلەر ساقاللىق،يۇڭلۇق ئەرلەر دىگىنە……ھاھاھا……
ئايالىمۇ تېرىككىنىدىن كۈلىۋەتتى……
ئايالى ئەمدى مۇزىكىنىڭ تەسىر قىلمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ،ئۇنىڭغا مەزمۇن تەرەققىياتى ئاستا،تېنچ تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن كورىيە كىنوسىنى مەجبۇرىي قويۇپ بەردى.
ئايالى بۈگۈن كەچ خاتىرجەم ياتارمەن دەپ ئويلىۋىدى.بىر ئاۋازدىن تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتتى.
خالمۇرات قولىغائۆيدىكى سۇلياۋ گۈلنى تۇتىۋىلىپ گىپىنى باشلىۋەتتى:
-ئانىياتسىيو……
ئايالى كۈلىۋىتىشكە تاس قالدى:“بۇ ئەمدى كورىيەلىك بولۇپ چۈشەپتۇ -دە”
-ئوپپا~بىز چوڭلارنى قايىل قىلىپ،توي قىلايلىچۇ؟~
“ئوپپا دىگەن ئەرلەرنىڭ ئاتالغۇسىغۇ،ئەجابا بۇ بىمەنە……”
خالمۇرات تۇيۇقسىز جىددىي تۈسكە كىردى:
-خانىم……مىنى ئوغلىڭىزدىن ئايرىلىپ كەت دەپ 10مىليون تەڭلىگىنىڭىز مىنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭىز،مەن 10مىليونغا ئۆزگىرەيدىغان ئادەمما؟؟
“پاھ،خىلى غورۇلۇق كورىيەلىك قىز بولۇپ چۈش كۆرۈپتۇ دە،ھاھا،خىلى دىتى بار بۇنىڭ”ئايالى شۇلارنى ئويلاپ تۇراتتى،خالمۇرات گىپىنى داۋام قىلدى:
-قاراڭە ما شىنسەيگە،قاراڭە ما چاچلارغا،10مىليون بەك ئاز،يەنە يۈز كوي قوشۇڭ!
ئايالى چىدىماي ئۇنى ئىتتىرىپ ئويغاتتى:
-ھەي،ئويغىنە بىمەنە،ھەي……قىز بالا بولۇپمۇ چۈشەمدۇ ئەركىشى ……ھە……تېخى يۈز كوي قوشۇڭلىرىڭدىن ئۆرگىلەي……
خالمۇرات ئۆزىمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
ئايالى ئەتىسىدىن باشلاپ، ئۇنىڭغا كارتون فىلىم كۆرسىتىشكە باشلىدى.بىشىدا ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولدى،خالمۇرات كەچتە پەقەت ۋىش ۋىش قىلىپ ئاۋاز چىقارغاننى ھېساپ ئالمىغابدا،ئارتۇقچە گەپ سۆز،ئىش ھەرىكەت قىلمىدى.
بىراق تۆت كۈن كۈندە كەچتە ۋىژ ۋىژ،ۋىش ۋىش قىلىۋەرگەندىن كېيىن،ئايالى چىدىماي،كەچتە ئۇنى ئويغاتتى:
-ھەي،نىمە چۈش كۆردىڭىز؟
-خىيمەننىڭكىنى……
-ئەمسە نىمە بولۇپ چۈشەپسىز؟ ۋىش ۋىش قىلىۋىرىسىز؟
-مەن خىيمەننىڭ قىلىچى بولۇپ چۈشەپ قاپتىمەن،ھەر قېتىم مىنى سۇغۇرۇپ چىقارغاندا،ۋىش ۋىش قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ……
-ئوھوشتە……يوقىلىڭە……
ئايالى خالمۇراتنى ئانداق غەيرى چۈشلەرنى كۆرمىسۇن،ئەر كىشىدەك چۈش كۆرسىنا دەپ ،مەخسۇس ياپونغا قارشى ئۇرۇش فىلىملىرىنى قويۇپ بەردى.
ئايالى ئەمدىغۇ بىر ئەر كىشىدەك،جەڭگە قاتنىشىپ چۈش كۆرەر دەپ ئويلىۋىدى،خالمۇرات كەچتە يەنە جۆيلۈشكە باشلىدى:
-تەيجۈن……تەيجۈن……مەن سىلەرگە بالۇجۈننىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى دەپ بېرىمەن.ھايت!ھايت!تەيجۈن……يەنە يۈز كوي قوشسىلا،ھەممىنى دەي……
ئايالى خالمۇراتنىڭ بېشىغا بىرنى سېلىپ،ئۇنى ئويىغىتىۋەتتى:
-ھەي،نىمانداق ئادەم سەن،خائىن بوپمۇ چۈشەمدۇ ئادەم……ۋىيىي،ۋىيىي……
ئايالى ئەمدى ئۇنىڭغا كىنو ئەمەس،بەلكى تىلىۋىزىيە پروگرامملىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرسەتتى.ئايالى نىجات ۋەلى ياقۇپنىڭ “ئېچىل داستىخىنىم”دىگەن پروگراممىسىنى كۈندە نەچچە قىسىمدىن زورلاپ كۆرسەتتى.
ھەقىقەتەن ئاۋۋالقى نەچچە كۈندە،خالمۇرات كىچىلىرى جۆيلىمىدى……
تۆتىنچى كۈنى ئايالى يەنە خالمۇراتنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى:
-ھۆرمەتلىك تىلىۋىزور كۆرگۈچىلەر،بۇ سانلىق تاماق ئېتىش پىروگراممىمىزنى كۆرۈشۈڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
ئايالى يەنە:
-ۋاھ،ئەمدى پىروگرامما رىياسەتچىسى بولۇپ چۈشەپتۇ دە-دەپ ئويلىدى.
خالمۇرات گىپىنى داۋام قىلدى:
-ھۆرمەتلىك تىلىۋىزور كۆرگۈچىلەر ،بۇ قېتىمقى ساندا بىز بولاق مانتا ئېتىشنى ئۆگىتىمىز،مەن سىلەرنىڭ يېقىن دوستۇڭلار خېمىر! ھازىر داڭلىق ئاشپەز تۇرسۇن ئۇستام مىنى يۇغۇرىدۇ،تۇرسۇن ئۇستام ياخشىمۇسىز،پاھ قوللىرىڭىز نىمداق يوغان……ۋاھ……ئاستىراق……بوشراق يۇغۇرۇڭ مىنى……ئاھ……تۇرسۇن ئۇستام……كۈچىڭىز بارغۇ…ۋاييەي،مۇنداقمۇ چەيلەمسىز……
ئايالىنىڭ بەرداشلىق بېرىش تاقىتى توشتى:
-قوپە بىمەنە ،ھەي ئادىم خېمىر بولۇپمۇ چۈش كۆرەمدا؟ بىششىڭنى يەيدىغان،بىر نورمال ئادەمدەك چۈش كۆرسەڭ بولمامدۇ؟ چىقە ماڭە،مېھمانخانىغا چىقىپ ئۇخلا!!
خالمۇرات غودۇڭشىغىنىچە چىقىپ كەتتى…
ئەڭ ئاخىرى
ئەتىسىدىن باشلاپ ئايالى خالمۇراتقا يىغىن،دوكلات،مەجلىس قاتارلىق سىنلارنى تېپىپ،شۇنىلا كۆرسەتتى:
-ئەمدىغۇ غەيرى بىر نىمىگە ئايلىنىپ چۈش كۆرمەيدىغانسەن؟!!
كەچتە يەنە خالمۇراتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-يولداشلار،يۇرتداشلار،بۈگۈن بىز پارتىكومنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن ۋەزىپىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن بۇيەرگە ھەممىڭلارنى يىغىپ،چوڭ بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرەقىلماقچى!!
ئايالى كۆزلىرىنى ئېچىپ،خالمۇراتنىڭ قەيەردىندۇ تېپىپ،قولىغا تۇتىۋالغان ماقالە قەغىزىنى كۆرۈپ:
-ئۇھ……ئاخىرى بىر نورمال چۈش كۆردى،-دەپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.
خالمۇرات:
-يولداشلار،بىزنىڭ بۇ قېتىم بۇ يېزىغا خىزمەتكە چۈشۈشتىكى مەقسىتىمىز ئاياللار ئۈچۈن……
خالمۇرات جىم بولۇپ قالدى،ئايالىنىڭ جىنى چىقاي دىدى:
-داپشاق كادىر بوپتۇ-دە،خەپ!
خالمۇرات قەغەزدىن بىر ۋاراق ئۆرۈپ:
-…ياخشى بولغان تۇرمۇش،خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن……ئەر ئاياللىق باراۋەرلىكنى نىشقا ئاشۇرۇش،ئاياللارنى قوغداش ،ئاسراشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.مەن بۇ يەردە شۇنى جاكارلىماقچى:
ئەمەلىيەتتە ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن چاكار!……
خالمۇرات جىم تۇردى،ئايالى:
-ما بىر مىنى……
خالمۇرات يەنە بىر ۋاراق ئۆرىدى:
-……ئەمەس،ئۇلارنىڭمۇ جەمئىيەتتەئورنى بولۇشى،ئابرويى بولۇشى شەرت.
شەرىئەتتە بىر ئەرگە تۆت خوتۇن بولۇش توغرا!
ئايالى:
-پاھ،مانى……
خالمۇرات يەنە بىر ۋاراق ئۆرىدى:
-……مۇ؟ياق،بۇ خاتا……
ئايالىنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئۇنى ئويغىتىۋەتتى:
-ھەي،ھەي،بولدى،بۇندىن كېيىن مەنمۇ سىزنى كىنو فىلىم كۆرۈشكە زورلىمايمەن،بەك ئىچىمنى پۇشۇردىڭىز،نورمال بىي ياشاڭە……ئۇھ……ئەمدى خالىغىنىڭىزچە بولسۇن،بۇ سىزگە ئامال قىلالمىدىم……
خالمۇرات ئۆزىمۇ ئايالىدىن ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ،كۈلۈپ قېتىپ قالدى……
……
ئەتىسى ئايالىمۇ ئۇنىڭغا ئۇنى بۇنى قىل دەپ زورلىمىدى،بىراق كەچتە ئانامنىڭ ئۆيىگە قونىمەن دەپ كېتىپ قالدى،چۈنكى خالمۇرات ئاناتومىيەگە ئائىت كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتى.

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-6-11 21:18:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ……
ئۆيدە ئۆزىمىز لەيلىمۇن(خوگو)قىلىپ يىگەن……
شۇنچە يىسەكمۇ،قازىنىدا بىر مۇنچە ئېشىپ قالدى،قورساق بەك تويۇپ كەتكەنىدى……
ئايالىم:
-ما ئېشىپ قالغانلىرىنى تۆكىۋىتەيلى-دىدى.
مەن ئۆزەمچە ئەقىللىقلىق قىلىپ،كۆتىرىپلا تازىلىق ئۆيىدىكى تەرەت تۇڭىغىلا تۆكتۈم……
ئەننەڭنى……ئىچىدىكى كۆكتات بىر نىمىلەر ئېتىپلاۋالدى……
ئايالىم تىللاپلا كەتتى:
-ھەي كالۋا،كاللاڭ ئىشلىمەمدا ،بۇنى بۇ يەرگە تۆكسەڭ قانداق بولىدۇ~توسۇلۇپ قالمامدۇ؟ تازىلا ئەمدى……
ئىككىيلەن ئامال يوق ،كونا چوكىدىن بىرنى ئېلىپ،چاپلىشىپ قالغان كوكتات بىر نەرسىلەر بىر سۈزۈپ ئېلىۋاتاتتۇق……
تالا ئىشىكىنى ياپماپتۇقكەن~قوشنىمىز نەرسە سوراپ كىرىپلا:
-ۋۇييۇ……بۈگۈن خوگو يەپسىلەردە-دىدى ھەم تازىلىق ئۆيىدىكى تۇڭدىن چوكا كۆكتات،مەنجىڭلارنى سۈزىۋاتقان ئەر ئايال ئىككىمىزنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالدى ھەم-ھە؟؟ بوپتۇ……سىلەر يەۋىرىڭلار!
دەپ ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى……
ئاندىن بىز ئۇنىڭ ھۆ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق……
ئاھ……ئىش بۇنداق ئەمەس……قوشنام خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز……
بىز چۈشەندۈرەيلى

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-6-11 21:19:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەۋۇ……
بىر قوماندان يېڭى كەلگەن ئەسكەردىن سورىدى:
-بۇ يەردە كىمنىڭ ئەمىلى ئەڭ چوڭ؟
ئەسكەر:
-گېنرال!
قوماندان:
-ياخشى،ئۇنىڭ ئاستىدا كىم بار؟
ئەسكەر:
-ئايالى!
قوماندان:
-كۆزۈمدىن يوقال ساراڭ!

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-6-20 18:20:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ  ،،،،،،،
توۋا دەيمەن~
مەھەللىگە،مانداق ئېيتقاندا  بىز تۇرىدىغان بىنانىڭ ئۇدۇلىغا يامان چىرايلىق بىر قىز،كۆچۈپ كەلدى~
ئەمدى كۆچۈپ كەلسە كەلمەمدۇ،ئايالىم ئەمدى كىرىشىپلا قالدى……
دېرىزىنىڭ تۈۋىدە بەش مىنۇتلا تۇردۇمما،
-سەن بىرمە ئاشۇ قىزنىڭ ئۆيىنى ماراۋاتىسەن-دەيدۇ……
ئۇھ……
قايسى كۈنى دۇكانغا ماڭغان، دۇكاندا ئۇ قىزمۇ بار ئىكەن،بۇنى ئايالىم كۆرۈپ:
-سەن بىرمە شۇ نايناقنى كۆرگىلى كىردىڭ-دىدى.
ئۇھ ،ئىچىم سىقىلدى……
يەنە بىر كۈنى ئۇ قىز ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋىتىپتۇ،مەنمۇ ئۆيگە قاراپ ماڭغان،بۇنى ئايالىم كۆرۈپ:
-سەن بىرمە چوقۇم ئا قىزنىڭ ساغرىسىغا قاراپ ماڭدىڭ!-دەپ ئالايدى……
توۋا~
يەنە بىر كۈنى ئۇ قىز ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلىپ قالدۇق،مەن تېلىفونغا قارىغان بولۇپ ئۆتۈپ كەتتىم،ئايالىم بۇنىمۇ كۆرۈپ:
-سەن بىرمە چوقۇم ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى ئىزدىدىڭ؟-دەپ ئالايدى……
ئاھ~توۋا……ما نىمانداق……
ئەي دوستلار،سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ؟
بۇ ئايال كىشى نىمانداق……
……
……
……
……
……
……
……
……
……
……
……
ئەقىللىق~ھەممىنى بىلىۋالىدىكەنغۇ……پەقەت چاندۇرمىغاندەك قىلغان، بۇ خوتۇن كىشى نىمداق ھەممىنى توپتوغرا بىلىۋالىدىغاندۇ؟

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-6-26 23:29:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە
ساقچىلار ئايالنىڭ كىچىدە ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا چۈشكەن ئوغرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقودى ھەم جەريانىنى سورىدى.
ئايال:
-ئېرىم كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكىنىگە بەك ئۇزۇن بولغان……...ئاخشام ئۆيدە بىرىنىڭ كىرگەن ئاۋازى چىققانىدى،مەن ئېرىم كەچتە قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ،چىراقنىمۇ ياقماي،ئۆزەمنى ئۇنىڭغا قارىتىپ تاشلىدىم……
ساقچىلار ئايالنىڭ 110كىلو كىلىدىغان بەدىنىگە بىر ھازا قاراپ كەتتى ،ئاندىن گۈلدۈر قاراس ئالقىش ياڭراتتى……
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:55 , Processed in 0.091883 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش