تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 0

چەك دوستلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
1312.jpg

چەك دوستلار

ئەكبەر ئىدرېس (ئەرچىن)


ئوڭدا يىتىپ چەك دوستلار ھەم چەككىن سولدا يىتىپ ،
خۇمارى بەك تۇتمىسا نەشە ياكى ئاق چەككىن .
سىقسا بىر كۈن گىلىڭنى تازا يالۋۇر يۈكۈنۈپ ،
ۋىجدانىڭنى قۇل قىلىپ ئاڭا ئاستا بوي ئەگكىن .

تاماكىنى تاشلىماق دەيسەن ماڭا مۈشكۈل دەپ ،
قىلالايسەن ئەسلى سەن ئىرادەڭ يوق بىلىڭ بوش .
سائەتتە بىر چىكىسەن بىردەم يىراق كەتمەيسەن ،
تۇغۇلمىغان بولغۇيتتۇڭ تاماكىغا كىندىك قوش .

تولا بىشىڭ ئاغرىتتىم چەكمە چەكمە چەكمە دەپ ،
يولدا كۆرسەڭ ۋابادەك مەندىن يىراق قاچىسەن .
مەن بار چاغدا كەيىپنىڭ روجەكلىرى ئىتىكلىك ،
مەن بولمىسام يىنىڭدا شۇئان بىرىپ ئاچىسەن .

مەنمۇ سەنمۇ ئوخشاش دىل تىلىمىزمۇ ئوخشىغاچ ،
توغرا يولغا باشلىسام قاچۇرمىغىن ئۆزۈڭنى .
كەلگىن بىللە ماڭايلى گۈزەل يىڭى ھاياتقا ،
ئىس تۈتەككە تۇمانغا تاشلىمىغىن كۆزۈڭنى .

بىلىم ئىلىپ كەيىپتىن يىراق تۇرۇپ ئەي ياشلار ،
ئەجىر مىھنەت ھۈنەردە بەخت ئىشكىن چىكەيلى .
كەتتى تالاي ئىنسانلار بۇ ھاياتتىن دېرەكسىز ،
ئەلگە سايە تاشلىسۇن بىر تۈپ كۆچەت تىكەيلى .

كەلگىن بەڭگى زابويلار مەن بولاي بۈگۈن ساقېي ،
رومكىغا ئەقىل قۇيدۇم چىلاشقۇدەك ئىچەيلى .
مەستلىكىمىز يىشىلمەي ئاداققىچە ۋاپادا ،
قول تۇتۇشۇپ تاغ داۋان دولقۇنلاردىن كىچەيلى .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:46 , Processed in 0.091769 second(s), 29 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش