تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 178|ئىنكاس: 0

بەخىتنىڭ تىزىملىكىدىن ھېچكىمنىڭ ئىسمى چۈشۈپ قالغان ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
142234243.jpg
سەۋدايىلەرچە كىلىشكەن قامەتكە ،مەرتىۋە ھوقۇققا   ، شېرىن شېكەر گەپ سۆزگە ، نازىنىننىڭ گۈزەل رۇخسارىغا مەسىتخۇش بولسىڭىز ، پەقەت شۇلارلا  نەزىرىڭىزدە بولسا ئۇنى مۇھەببەت دىمەڭ ، ۋاقىت سىز شەيدا بولغان شۇ چىرايغا يىللارنىڭ رەھىمسىز ئىزنالىرىنى چۈشۈرىدۇ ، شۇ قامەتلەرنى مۈكچەيتىدۇ، ھوقۇقنى قولدىن ئېلىپ كېتىدۇ  ، شېرىن شېكەر سۆزلەرنى ئىز دېرەكسىز غايىپ قىلىدۇ .

لېكىن سىزگە چىن كۆڭلىدىن مۇئاملە قىلىدىغان ، سىز ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ھېچبىر بەدەلسىز سەرپ قىلىشنى خالايدىغان يۈرەكنى ئۇچراتسىڭىز چوقۇم ئۇنى ياخشى قەدىرلەڭ ، مەيلى ئۇ ئېگىز بولسۇن ياكى پاكار ، سەت بولسۇن ياكى چىرايلىق .

قەدەملەر خاتا بېسىلمىسۇن ، بەخىت دوقمۇشىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەڭ ، ھېچبىرى قىسمەتلەر ئاچچىق ياشلار بىلەن يۇيۇلۇپ روشەنلىششى كېرەك دەپ بەلگىلەنمىگەن . بەلكىم بەخىتنىڭ ئىمتىھانىدا بىرقىسىم كېلىشمەسلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۆزىڭىزنى يۇقىتىپ قويماڭ چۈنكى ئەتىكى قۇياش يەنىلا شۇنداق گۈزەل بىر كۈننى ئاپىرىدە قىلىپ سىز ئويلاپ باقمىغان تەلەيلەرنى سىزگە نېسىپ قىلىشقا كۈتۈپ تۇرىدۇ .

بەخىتنىڭ تىزىملىكىدىن ھېچكىمنىڭ ئىسمى چۈشۈپ قالغان ئەمەس ، بەلكىم تىزىملىكتىكى ئىسمىڭىز سەل كېينگىرەك تىزىلغان بۇلۇشى مۇمكىن ، شۇڭا ئالدىرماي تۇرۇڭ . سىز تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنىڭ شاھىدى بۇلۇشقا ھوقۇقلۇق ، پەقەت سىزلا ھاياتىڭىزنى گۈزەل قىلشقا تىرىشسىڭىز ، تۇرمۇشنىڭ قاباھەتكە ئايلىنىىشقا باھانىسى يوق . دۇنياغا ، ئەتراپىڭىزغا مېھىرلىك نەزەر بىلەن بېقىپ ، سىز دىققەت قىلىپ باقمىغان ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىز ئىگە بولغان بارلىق نەرسلەرنى قەدىرلەڭ .
---دىلتارى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:56 , Processed in 0.092239 second(s), 28 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش