تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 1

دادامغا (فاتىمە سەيياھ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-6-18 10:35:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
دادامغا
(فاتىمە سەيياھ)

دادا، دادو، دادداااا!

شۇنداق دادا، كۈلكىسى يېقىملىق دادا، ھەر غەم كەلسە باشىگە، كۈلۈپلا تۇرىدىغان دادا.

قىزى تاپشۇرۇق ئىشلەپ ھېرىپ ئۇخلاپ قالسا، ئۇنى ئويغىتىشقا قىيماي، كۆتۈرۈپ كۆرپىسىگە قويىدىغان دادا.

'شىر قىزىم، ئەركەك قىزىم' دەپ ئەركىلىتىپ، قىزىنى تاۋلايدىغان دادا.

ھەر قاچان ئۆيگە قايتسا يانچۇقى كەمپۈت بىلەن تولۇپ قايتىدىغان، ئۆيگە قۇرۇق قول كىرمەيدىغان دادا.

دادا!

'قىزىم، بەخىتلىكمۇ سىز؟' دەپ سوراپ تۇرىدىغان دادا.

'يېڭى كىتاب كەپتۇ، يازغۇچى ئاغىنەمدىن سىزگە ھەدىيە قىلىپ ئالغاچ كېلەي قىزىم' دەيدىغان، ئۆزى ئوقۇيالـمىسىمۇ كېچىلەپ قىزىنىڭ ئوقۇيدىغانلىرىنى ئاڭلايدىغان دادا.

'قىزىمغا ياخشىراق قاراپ قويۇڭلار' دەپ تاپىلايدىغان دادا.

'قىزىم، ئەڭ يۇقىرى پەللىلەرگە يېتىڭە، بىزنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەركىن ـ ئازادە بولۇڭ قىزىم' دەپ مەدەت بېرىدىغان دادا.

يىراقنى ئويلايدىغان دادا.

كۆڭۈل ئايايدىغان دادا.

قىزى رەنجىتىپ قويسا مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپلا قويسا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان دادا.

دۇنيانىڭ قانچىلىك گۈزەل، ئىنسانلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەن دادا.

قايغۇسىنى كۆرسەتمەيدىغان دادا.

چىرايلىق تەبەسسۇمى بىلەن ئۇسۇل ئويناپ بالىلىرىنى كۈلدۈرىدىغان دادا.

'ھېچيەردە بوينىڭىزنى قىسماڭ، ھېچكىمگە يالۋۇرۇپ غورۇرىڭىزنى يەرگە ئۇرماڭ، سىز يالغۇز ئەمەس' دەيدىغان دادا.

دادا،
دادووو،
دېگەن ئەركىلەشلەرگە ئىچ ـ ئىچىدىن چىقىرىپ خۇش بولىدىغان دادا.

قىزى ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىسىمۇ قىزىنى بارلىق تىلەكلىرىدە ئەسلەيدىغان دادا.

دادا!
قىزىنىڭ ئەڭ شەخسىيەتچى ھالىتىنى ياخشى كۆرىدىغان،
ئەركىلىتىدىغان،
يىغلاپ قەغىش قىلسا يىغىسىنى سۈرتۈپ،
ھارغىنىدا باغرىغا باسىدىغان دادا!

دادا،
ساڭا بىر ئىش قىلىپ بېرىمەن دەپ ۋەدە بەرمەيمەن،
پەقەت سەن مېنى ئەركىلەتكەندەك ئەركىلەتكۈم بار!
يانچۇقلىرىمغا لىققىدە كەمپۈت قاچىلاپ سېنى خۇش قىلغۇم بار!
ئېسەدەپ يىغلىغىنىڭدا ياشلىرىڭنى جىممىدە سۈرتكۈم بار!
'دادا، ھېچ ئىشتىن ئەنسىرىمە، يېنىڭدا مەن بار' دېگۈم بار!
سەن بىلەن كېچە ـ كېچە مۇڭداشقۇم بار!
قويۇن يانچۇقۇڭدىكى پۇلۇڭنى 'ئوغۇرلىۋىلىپ' كىچىك بالىلارنى ئويناتقاندەك، بازارغا ئەپچىقىپ ئويناتقۇم بار!

دادا،
سەن مېنىڭ دوستۇم ئېدىڭ،
ئەمدى سېنىڭ دوستۇڭمەن!
mmexport1497753131641.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-6-18 10:50:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا ،ئۇ - شەرتسىز ئاتاقىلغۇچى
ئاپتورى :رابىگۈل ئابدىرېھىم قادىر
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئاتا -ئۇ ئاتىلشىدنلا ، يارىلىشىدىنلا
ئاتا قىلغۇچى ، تەقدىم ئەتكۈچى ،بېغىشلىغۇچى بولۇپ يارالغاندەك ، ھەممىگە كەڭرى غۇلىچىنى يايىدۇ ، قاناتلىرىنى ياپىدۇ ، خۇددى قىيادىكى بۈركۈت بالىسىنى قوغدىغاندەك ،
    ئاتا روھىغا زىمىننىڭ خىسلىتى سىڭگەن  ، ئەينى زىمىن ئۆزىدىكى كۈچ -قۇۋەتنى قوينىدىكى جىمى ئۆزىنى سۆيگۈچى ،،سۆيۈلگۈچى مەۋجۇداتلارغا ئۈن تۈنسىز تەقدىم  ئەتكەندەك ....    ئاتىلارغا  يەنە                              تەبىئەتنىڭ سېخىلىقى مۇجەسسەملەنگەن .  ھېچ كىم  ھېچنىمە  دېمىسىمۇ ئۆزىدە بارىنى ئايىماي ئاتا قىلالايدىغان ......شۇڭا ئۇ سېخى ، ئايانمايدۇ ،ھەممىگە ھەممىنىئ ئۈن -تۈنسىز   ئاتا قىلالايدۇ      
    ئۇنىڭدا يەنە قارىغاينىڭ خىسلىتى بار ئۆزگەرمەيدىغان ئۆڭمەي تىك ، رۇس تۇرىدىغان ،جۇدۇن چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىدىغان ...
    ئاتىدا يەنە تۈۋرۈكنىڭ ، ھۇلنىڭ ،قورامنىڭ يىلتىزنىڭ خىسلىتى بار شۇلاردەك بەرداشلىق ، چىداملىقتۇر .ۋايسىمايدۇ قاقشىمايدۇ ،جىم -جىتلا .......
      ئاتا - ھىچ ئىشقا ،ھەسەت قىلمايدۇ ، دورىمايدۇ  ھەۋەس قىلمايدۇ ، ئۆز دۇنياسىدا ، ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن ياشايدۇ .
    شۇڭا ھەربىر ئاتا بىر دۇنيا ،ھەربىر ئاتا بىر جاھان ..... جاھاننىڭ جەزبىدارى ، جانانلارنىڭ ، پەرزەنتلەرنىڭ يۆلەنچۈكى ، خوشاللىقى ،بەختى ئاتىلار-  مەڭگۈ مۇقەددەس ،زەبەردەست ، سۇلماي ،ياشىرىپ ،كۆكلەپ تۇرغاي .....!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:52 , Processed in 0.068518 second(s), 28 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش