تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 159|ئىنكاس: 0

ئىنسانىيلىقنىڭ گۈزەللىكى مۇشۇنداق مۇرەككەپلىكلەردە ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-6-19 07:18:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئىنسانىيلىقمىزنىڭ ياخشىلىقى شۇ يەردىكى بىزدە ھەۋەسلەر يوق ئەمەس، ئۇنى تىزگىنلىيەلەيدىغان كۈچ بار.

نەپسىمىزنىڭ ئىستەيدىغانلىرىنىڭ  ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ۋە مۇرەككەپلىكىدە، لېكىن ئىستەكلەرنى ئىلغاپ تۇرالايدىغان ئەقىلنىڭ بارلىقىدا.

ھايۋانى نەپسىمىز بىلەن روھانىي نەپسىمىزنىڭ بىرـ بىرى بىلەن چىقىشالـماسلىقىدا ئەمەس، روھانىي نەپسىمىزنىڭ يېڭىپ چىقالىشىدەك بىر نەتىجىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىدا.

شەيتانى كىملىكىمىزنىڭ يوقلۇقىدا ئەمەس، بەلكى مالائىكى كىملىكىمىزنىڭ شەيتاننى باسالىشىدا.

نەي مۇڭلۇقتۇر، ئۇنىڭ كۈيىنى ھەممە ئاڭلار. ئەمما ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ھالىغا يېتىدىغانلار ساناقلىقتۇر ساناقلىق.

ئىنسانىيلىقىمىزنىڭ گۈزەللىكى شۇ يەردىكى، ئۆزىمىزنىڭ نەي ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزدە، بىزدىن تۆكۈلگەن كۈيلەرنى باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشلىرىمىزدە، شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنىلا كۈيلەرگ قۇلاق سالالايدىغانلارنى كۈتۈپ ئۆتىشىمىزدە.

مۇرەككەپلىك ھاياتلىقنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ئاڭلىرىمىز بىلەن بولغان دېئالوگلىرىمىزدا، يوشۇرۇنلۇقنىڭ ئاشكارىلىققا ئايلىنىشلىرىدا، ئەڭ مۇھىم پەيتى كەلگەندە ياق دېيىشكە تېگىشلىك ئىشلارغا ياق دېيەلىشىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمىزنى تېپىپ قالىمىز، ئۇلارنى سۆيۈپ قالىمىز.

ئىنسانىيلىقنىڭ گۈزەللىكى مۇشۇنداق مۇرەككەپلىكلەردە ...

ـفاتىمە سەيياھ
surreal-digital-art-huseyin-sahin-59-58d37d20c2d88__880.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-26 04:26 , Processed in 0.048273 second(s), 30 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش