تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 0

بىرسى كەلسۇن « ئاشىق » ئاتىقى بىلەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-8-3 07:28:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بىرسى كەلسۇن « ئاشىق » ئاتىقى بىلەن ،
« سەن قارىمىساڭ ئۆلىمەن » دېسۇن .
« يۈرىكىڭنى بەر . بەرمىسەڭ ئۆزۈمنى تۇپراققا كۆمىمەن » دېسۇن .
ئاخىرى
بىر سۆيگۈنى سەزگىنىڭدە،
ئىككى قوللاپ يۈرىكىڭنى بەرگىنىڭدە ،
قولىغا قوش بىسلىق خەنجەرنى ئالسۇن ۋە يۈرىكىڭنى خالىغانچە كېسىپ ئوينىسۇن،
خەنجەرنى تىقىپ باقسۇن،
سۇغۇرۇپ ئالسۇن ،
قوچۇپ « غىرىچ-غىرىچ » ئاۋاز چىقىرىپ ھوزۇرلانسۇن .
مەيلى ئەمەسمۇ ؟
ئۇلارنى رايىغا قوي .
ئۆلمەيسەن .
ۋە شۇندىن كېيىن قەلبىڭدىن  چىقىرىپمۇ كۈلمەيسەن .
پىشىپ يېتىلىسەن .
« ئىنسان ئەمەسمۇ ؟» چوقۇم شۇنداق قىلاتتى دەيسەن .
ھەممە تۈگەيدۇ .

‏‎يا پۈتۈن ئاچىسەن قەلبىنى،ياكى ھىچ تەۋەككۈل قىلماسلىقىڭ كېرەك !
‏‎كۈل رېڭى يوقتۇر ئاشىقنىڭ ؛
‏‎  يا قارىسىنى ياكى ئېقىنى تاللايسەن

قىزلار، ئوغۇللار!

ئۈستىدىكى شېئىردا تەسۋىرلەنگىنى نەق مەن ئېيتىپ كەلگەن زەھەرلىك مۇھەببەت، ساختا ئاشىقلىق ۋە خورلىغۇچى مۇناسىۋەت.

ھەقىقىي مۇھەببەت 'سەنسىز ئۆلىمەن، مەندىن ئايرىلساڭ ئۆلۈپ بېرىمەن' دېمەيدۇ، ئۇنداق ئۆلۈمى ئاسان ئادەملەرنى ئۇششۇق دەپ ئاتايمىز تىلىمىزدا. ئۇلار بىزدىن ئايرىلسا ھەرگىز ئۆلـمەيدۇ، ئەكسىچە مۇشۇنداق ئۇششۇقلۇق بىلەن ئۆزىگە كېرەك نەرسىلەرنى يۇلۇپ ئالـماق بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ تاشلىشى مۇقەررەرلىك! چۈنكى ئۇلاردا ئاشىقلىق ئەمەس ئۇششۇقلۇق بار! مۇھەببەت ئەمەس بۇلاڭچىلىق بار! ئۇلار سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارنى ئاچىدۇدە، ئۆزىگە كېرەكلىك قاننى سۈمۈرۈپ ئالغان پېتى يالـماۋۇزدەك غايىپ بولىدۇ.

بۇنداق مۇھەببەتلەرگە ھەرگىز ئالدانماڭلار!

ئەكسىچە ھەقىقىي مۇھەببەت بولسا 'تەڭ ياشايلى، ياشاڭ، ياشنىتىڭ، ياشنىتاي' دەيدۇ. ياق نى ياق پېتى، ھەئە نى ھەئە پېتى قوبۇل قىلىدۇ، سىلەرگە ئەركىنلىك بېرىدۇ.

كىمىكى ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن باشقىلارغا تەھدىت سېلىپ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى بۇلاي دەيدىكەن، ئېنىقكى ئۇ چوقۇم لۈكچەك!

ـ F.S
img-c617d2212796c10577677911999df2e2.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:54 , Processed in 0.136854 second(s), 29 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش