تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 0

ئايال كىشى دېگەن سۆزنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن…؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2795

تېما

4520

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14665
拾穗者 (6).jpg
ئايال كىشى دېگەن سۆزنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن…؟ ئۇ سەن خالىغاندا كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقۇڭ ئەمەس.قورسىقىڭ ئاچسا يەپ،ئېشىپ قالسا تۆكىۋېتىدىغان تاماق ئەمەس.ئۇ شۇنداق بىر زاتكى سەن توڭلىغاندا سېنى ئىللىتىدىغان ئۆچمەس گۈلخان.سەن يىقىلغاندە ساڭا تىرەك بولىدىغان سۇنماس تۈۋرۈك.سەن مۇڭلانغاندا ئاناڭ كەبى سېنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ ساڭا تەسەللىي بېرەلەيدىغان كۆيۈمچان پەرىشتە…
拾穗者 (1).jpg
     سېنىڭ بۇلارنى ھېس قىلالمىغىنىڭ،سېنىڭ تىرىك مۇردىدىن پەرقىڭنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى سەن ئاتالمىش ئىشلىرىڭنى تۈگىتىپ ئۇنى ئىزدەيمەن دېگۈچە رەھىمسىز ۋاقىت ئۇنى سەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىپ ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن.چۈنكى ھايات ھېچبىر ئىنسانغا باقىۋەندە ئەمەس.ھېلى كۆرگەن كىشىلەر ھازىر يوق،كۆمۈپ قويىۋاتىمىز.كىم بىلىدۇ ئەتە كۆڭلىنى ئېلىۋالارمەن دەپ ئويلىغىنىڭ بىلەن ئەتىدە كىم بار كىم يوق ؟شۇ ئەتەڭگىچە يا ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانماي سەن ھەسرەتتە قالىسەن،يا سەن ئويغانماي ئۇنىڭغا ئۈستىلەپ ئازاب ئاتا قىلىسەن.
拾穗者 (2).jpg
   ئەگەردە ئايالىڭنى ئاياشنى بىلمىسەڭ بولدى قىل،ئۆزۈڭنىڭمۇ ئۇنىڭمۇ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلما.سەنمۇ ئۆز خاھىشىڭ بويىچە ياشا،ئۇمۇ ئۆزىنىڭ دەردىنى ئۆزى تارتسۇن،چەكلىك ھاياتتا يا ئۆزۈڭنى يا ئۆزگىنى خۇش قىلالماي ياشىغىنىڭنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولماقچىدى.ھارۋا سۆرەشنى بىلمىگەن ئاتنىڭ،ئۈستىگە ئەسكەرنى مىندۈرۈپ،جەڭلەردە غەلبە قىلالمىغىنىغا ئوخشاش،تۇرمۇش تۇتۇشنى بىلمىگەن كىشىنىڭ ئائىلىسى ھەرۋاقىت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ…
拾穗者 (3).jpg
شىرىن تۇيغۇلىرىدىن چەشمىلەر
   ئۈندىدار:1399963410
ئاپتورنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىڭ،يوللىغاندا نامسىز قالمىسۇن.
2017-يىل 15-ئاۋغۇست
拾穗者 (4).jpg
سۈرەتلەر نۇر تورىدىن ئېلىندى
拾穗者 (5).jpg

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:49 , Processed in 0.095108 second(s), 30 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش