تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 0

تۇرمۇش بەرگەن ئاچچىق ساۋاقلارغا كۆپ رەھمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-8-18 00:37:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تۇرمۇش بەرگەن ئاچچىق ساۋاقلارغا كۆپ رەھمەت.

يالغاندىن باتۇر قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، باشقىلارغا ئىلھام بەرمەكچى بولغانلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگىمۇ قانچىلىك خېيىم ـ خەتەر ئەپكەلگەنكىلىنى بىلىشى كېرەك ئىكەن. ھەرقانداق يالغان نەرسە ياكى يالغانچىلىق ئارىلىشىپ قالغان نەرسە ئاقىۋەتتە كىشىنىڭ ئۆزىگە سۇنۇلغان جازا بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.

'ھەقىقەتەنمۇ مەندىن ئۆتتى' دېيەلەيدىغان باسقۇچقا كەلگەن كىشىلەر ئاجىز بولۇشنىڭ، ئازاب تارتىشنىڭ، مۇھتاجلىقنىڭ، يالغۇزلۇقنىڭ، قىيىنلىقنىڭ تەمىنى ئەسلى پېتى تېتىپ قالىدىكەن. بۇنىڭ پايدىسى بولسا ئۇلار 'ئىنسان' بولۇشقا قاراپ قەدەم ئالىدىكەن.

ئىنسان بولۇش! ئىنسان بولۇش! ئىنسان بولۇش!

ئىنسان بولۇش كونىلار ئېيتقاندىكى 'ئادەم بولۇش' شۇ ئىكەن.

ئادەم!

خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان ئادەم!

خاتاسىنى تۈزەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ئادەم!

مېھرىبانلىقتىن ئۈمىد ئۈزمەيدىغان ئادەم!

جازانى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم!

يالغۇزلۇققا چىدايدىغان ئادەم!

ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىدىغان ئادەم!

ئۆز ئائىلىسىدىكى ماجرالارغا توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان ئادەم!

كۈچلۈك دۈشمىنى بارلىقىنى بىلگەن ئادەم!

زىمىننى گۈللەندۈرگەن ئادەم!

ئادەم!

ئىچىدىكى روھنى تونۇيدىغان ئادەم!

'ئادەم بولۇش ئالىم بولۇشتىن مۇھىم' دېگەن سۆز ئەسلىدىنلا ئەخلاق كاتاگورىيىسى ياكى بىلىم ـ سەۋىيە جەھەتتىن بېرىلگەن باھا ئەمەس.

ئالىم بولۇش ئادەم بولۇشنى تاللىغانلارنىڭ ئىنسانىي ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن خالاس.

'مەندىن ئۆتتى' دېيىش ۋە 'مەندىن مۇنداق مۇنداق يوسۇندا ئۆتتى' نى تونۇپ يېتىش كىشىنى تۇيۇقسىزلا ئويغىتىپ، ھاياتىنىڭ مەلۇم قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىنى ۋاللىدە يورۇتىدىكەن.

بىزدىن نېمە تارقالسا ئۇ خۇددى ئۆيىدىن ئۇچۇپ كەتكەن كەپتەر قايتىپ كەلگەندەك ئۆزىمىزگە كېلىپ قونىدىكەن.

بىز بىلـمەي قىلغان يامانلىقلار ئۆزىمىزگە چوقۇم قايتىپ كېلىدىكەن.

بىلـمەي قىلغان ياخشىلىقلارمۇ قايتىپ كېلىدىكەن.

تۇرمۇش ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەينەك ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ مىھرىبان سىيماسى بىلەن بىزنى ئۆزىدىن كۆرۈشكە چاقىرىدىكەن، باشقىلارنى خاتا كۆرىۋالغان چېغىمىزدا بىزنىمۇ ئۆزىمىزگە خاتا كۆرسىتىپ، خاتا كۆرۈنۈشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارە قىلىدىكەن.

'مەندىن ئۆتتى' نى تونۇپ يېتەلىگەن كىشى ئۈچۈن تۇرمۇش ئەينىكىدىكى بارلىق تەسۋىرلەر ئەڭ گۈزەل ئىكەن.

'مەندىن ئۆتتى! مەندىن ئۆتتى! مەندىن ئۆتتى!'
قەلبىمىزدىكى كىرلارنىڭ بۇ سۆزلەرنىڭ ئېنىرگىيەسى تەرىپىدىن پاكىز تازىلىنىپ كېتىشىنى تىلەپ:

ـ فاتىمە سەيياھ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:55 , Processed in 0.061728 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش