تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 0

ئېرىشىشكىلا ئادەتلىنىپ قېلىپ مىننەتدارلىقنى ئۇنتۇپ قالىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-8-20 20:14:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاۋۇت تۇخۇمنى ياخشى كۆرمەيتتى، شۇڭا ھەر قېتىم تۇخۇم تارقاتقاندا ئۆزىنىڭ تۇخۇمىنى داۋۇتقا بېرەتتى. دەسلەپتە داۋۇت ئاۋۇتتىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى، ئەمما كۈنلەر ئۆتكەنسېرى داۋۇت بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى. بىر كۈنى ئاۋۇت تۇخۇمىنى سەمەتكە بېرىۋېدى، داۋۇت ئىنتايىن خاپا بولدى. ئۇ تۇخۇمنىڭ ئەسلىدىنلا ئاۋۇتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى ، ئاۋۇتنىڭ تۇخۇمنى خالىغان ئادەمگە بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالدى-دە، شۇ كۈندىن باشلاپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشتى.
      بىر يىلى تولىمۇ ئىسسق ياز كۈنلىرىدە بىر توپ كىشلەر دەريا بويىغا سۇ ئۈزگىلى بېرىشتى. قىزچاق سۇ ئويناۋېتىپ، ئايىغىنى چۈشۈرۈپ قويدى، دەريانى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدى. دەريا بويىغا چىققاندا، ئەتراپتىكى تاشلار ئاپتاپتا چوغدەك قىزىپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار خېلى ئۇزاق پىيادە ماڭغاندىلا مەنزىلىگە يېتىپ بارالايتتى. شۇنىڭ بىلەن قىزچاق باشقىلاردىن ياردەم سورىدى، بىراق ھەممىلا ئادەمدە بىر جۈپتىنلا ئاياغ بولغاچقا، ھېچكىم ئايىقىنى ئۇنىڭغا بىرىشنى خالىمىدى. قىزچاق كۆڭلىدە ئىنتايىن خاپا بولدى. چۈنكى ئۇ ئەركىلەش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدى. بىراق بۇ قېتىم ئەركىلەش كار قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن قىزچاق بۇلارنى ياخشى ئەمەسكەن، ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ياردەم قىلمىدى، دەپ ئويلىدى.
كېيىن، بىر ئوغۇل بالا ئۆزىنىڭ ئايىغىنى قىزچاققا بەردى، ئۆزى بولسا ناھايىتى ئۇزۇن قىزىق تاشلارغا دەسسەپ يول يۈردى. قىزچاق ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ، ئۇنىڭغا رەھمىتىنى ئېيتتى. ئوغۇل بالا: «ھېچكىمنىڭ سىزگە ياردەم بېرىش زۆرۈرىيىتى يوق، سىزگە ياردەم قىلىش ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولدى، ياردەم قىلماسلىققىمۇ ھەقلىقمىز» دېدى. قىزچاقنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە ياردەم قىلغان ئادەمنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇش ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى.
    كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز ھەمىشە باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز، باشتا ئۇلاردىن تولىمۇ مىننەتدار بولىمىز، بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىر ئادەمنىڭ بىزگە بولغان ياخشىلىقىنى شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك دەپ ئويلاپ قالىمىز، بىر كۈنى ئەگەر ئۇ بىزگە ياخشىلىق قىلمىسا، بىز ئۇنىڭدىن ئاغرىنىمىز، ھەتتا نەپرەتلىنىمىز.
    ئەمەلىيەتتە باشقىلار ئەسكى بولۇپ قالمىدى، ئەكسىچە بىزنىڭ تەلىپىمىز ئۆزگىرىپ كۆپىيىپ كەتتى، شۇنداقلا بىز ئېرىشىشكىلا ئادەتلىنىپ قېلىپ مىننەتدارلىقنى ئۇنتۇپ قالىمىز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:55 , Processed in 0.064167 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش