تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 0

كەل، سۆيۈپ قوي، سۆيۈپ قوي مېنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-9-2 22:55:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كەل، سۆيۈپ قوي، سۆيۈپ قوي مېنى
*
سىرگىي يېسىنىن (رۇسىيە)
*
باتۇر روزى تەرجىمىسى
*
كەل، سۆيۈپ قوي، سۆيۈپ قوي مېنى،
سۆي ئاغرىتىپ چىقسۇن لەۋدىن قان.
كېرەك قىلماس قايناق دىل چەشمەم،
تەمكىنلىك ۋە ئەقىل ھېچقاچان.
*
نىسىۋىمىز بولسۇن - بولمىسۇن،
مەي ئىچەيلى قۇرىغىچە جام.
بىز ياشايمىز دۇنيادا بىر رەت،
بىردەملىكتۇر بىزگە بۇ جاھان.
*
نىگاھ تاشلا ئەتراپقا تىمتاس،
ئورار ئاينى نەملەشكەن تۈتەك.
ئاي ئايلىنىپ زېمىننى تىنماي،
بۇلۇت ئىچرە سېرىق ئۆردەكتەك.
*
كۈي تاراتقان سېنىڭ پاك روھىڭ،
كەل، سۆيۈپ قوي، قانسۇن بۇ يۈرەك.
چوقىلاردا يۈرگەن شۇ ئەرۋاھ،
ئەجىلىمدىن بەرمەكتە دېرەك.
*
ئاھ، كۈن ساناپ يۈتمەكتە دەرمان،
ئۆلسەم ئەگەر ئاشۇنداق ئۆلەي.
ئارمىنىم شۇ يۈتكىچە نەپەس،
لەۋلىرىڭگە لەۋ سۈرۈپ ئۆتەي.
*
زەڭگەر رەڭلىك ئۇيقۇدا ھەردەم،
ئېرىپ كەتمەي، ھېس قىلماي ھەر ئار.
ياپراقلارنىڭ شىلدىرى ئىچرە،
《مەن سېنىڭ》دەپ ئۈن كېلەر تەكرار.
*
چاقنار مەيدە لىپمۇ لىق كۆپۈك،
يالتىرايدۇ، يوقىماس پەقەت.
ئىچكىن، ئىچكىن سۆيۈملۈك دىلبەر،
بىز ياشايمىز دۇنيادا بىر رەت.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:56 , Processed in 0.061326 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش