تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 0

كەچۈرۈڭ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

652

تېما

976

يازما

4648

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4648
ۋاقتى: 2017-9-3 19:15:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كەچۈرۈڭ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ
(خەندان)

«مۇھەببەت» دەپ يىغلاۋاتقان قىزچاق،
ئاڭلاڭ!
ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
راست، «كۆيدۈم» دېۋىدى ھە؟!
ئاڭلىماققا ئاچچىق ئەمما
ئۇ سىزگە ئۇنچىلىك كۆيمەيدۇ.

ئۆكسۈپ يىغلىۋېلىڭ،
يىغلاپ بولۇپ
دەرھال چۈشۈپ كەتكەن ئۆزىڭىزنى تېرىۋېلىڭ.
ئۇنىڭ ئۈچۈن،
ئۆزىڭىزگە پەرۋاسىز ئۇنىڭ ئۈچۈن
ئۆزىڭىزنى يەردە سەرسان قىلىشىڭىز ھاجەتسىز.
توغرا، سىز ئۇنى بىردىنبىر دەپ قارىغانتىڭىز،
باشقىسىغا ئوخشىمايدۇ، دەپ قالغانتىڭىز.
كەچۈرۈڭ، ئەمما
ئۇ سىزنى بىردىنىر دېمەيدۇ.
باشقىسىمۇ سىزدىن كەم كۆرۈنمەيدۇ.
«سىز بولـمىسىڭىز ئۆلىمەن» دېگەنمۇ؟
ئۆلۈش ئەمەس، غېمىڭىزنى ھەم يېمەيدۇ.

ئۇ ئازابلىنامدۇ؟
ياق،
ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ!
ئۇ ئازابلانمايدۇ،
ئازابلىنىدىغىنى كەتمەيدۇ.
ئازابنى بىلگەنلەر ئۈچۈن
بۇ ئۆمۈر چىڭ تۇتۇشقا ھەم يەتمەيدۇ.
ئازابلاندىم، دېگەندۇ بەلكىم،
قايغۇلۇق كۈلگەندۇ بەلكىم،
كېتىش باھانىسى نېمىلەرنى ئىزلەپ تاپمايدۇ؟
كەتمەيمەن، دېيەلىگەنلەر
سىزگە ياشلاردىن يېپىنچا ياپمايدۇ.

ئۇ سورىقىنى تارتامدۇ؟
ئاڭلاڭ، قىزچاق،
ئۇ سىزگە قەرزدار ئەمەس.
بىر ئېغىز ۋەدە،
بىر جۈملە چىرايلىق سۆز ـ
بەلكىم پەقەت بىردەملىك ھەۋەس.
بۇلار سىزنىڭ ھەقلىرىڭىزمۇ؟
ياق،
بۇلار ھايات دەرسى،
خاتالارنىڭ توغرا ئاقىۋىتى بولـمىغان،
بولـمايدۇ.
ئەگەر
دەرسنى ياخشى ئۆگەنسىڭىز
ئېھتىمال ئەمدى كۆزلىرىڭىز ياشقا تولـمايدۇ.

كۆزىڭىز كىمنىڭ؟
ئۆزىڭىز كىمنىڭ؟
سىز سۆيمىگەننى ھېچكىم كېلىپ سۆيمەيدۇ.
يۈتتۈرگەن ئۆزىڭىزنى
ھېچكىم ئۆزى كەبى كۆرمەيدۇ!
كەچۈرۈڭ،
دېگۈم يوق ئىدى،
ئەمما ئۇ سىزنى ئۇنچىلىك ياخشى كۆرمەيدۇ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:44 , Processed in 0.108978 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش