تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1186|ئىنكاس: 3

لوپنۇر شېۋىسى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ ي...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

368

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
لوپنۇر شېۋىسى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ يېقىنلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە

لوپنۇر شېۋىسى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ يېقىنلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە
مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار
لوپنۇر تولىمۇ ئۆزگىچە تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىق، دېڭىز – ئوكياندىن ناھايىتى يىراق، ھەممە تەرىپى قۇم بىلەن قاپلانغان، دەريا، ئېقىن ۋە كۆللىرى يېتەرلىك؛ خاس تىل، ئۆرپ – ئادەت، ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئىگە؛ مۇرەككەپ قىسمەتلىك، مول مەزمۇنلۇق ئۇزاق تارىخىي كەچۈرمىشلەرنى ئوتلۇق يۈرىكىدە ساقلاپ، ئەلمىساقتىن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان تەڭداشسىز جەلىپكار ماكان. يەنى تارىم ئويمانلىقى، تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن مەنىداش لوپنۇر دالاسى (قەدىمدە مەشرىق بىلەن مەغرىپنى تۇتاشتۇرغان كارۋان يوللىرىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي تارماق يولى ئۆتىشىدىغان مۇھىم رايون) − «كونا لوپ»، «يېڭى لوپ» ۋە «چوڭ لوپ»، «كىچىك لوپ»لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەۋۋىلىدە لوپ، لوپ كۆلى، تارىم ۋادىسى − تارىم ئويمانلىقى، تەكلىماكان قاتارلىقلار جۇغراپىيەلىك بىر گەۋدە. شۇڭا، «لوپ» سۆزىنى «كۆل» ئاتالمىسى بىلەن قوشۇپ چۈشەنسەك ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى، ھازىرقى لوپنۇر (لوپلۇقلار) نامى «جاڭگال، جاڭگاللىق» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز «لوپ»قا، موڭغۇلچە «كۆل» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «نۇر» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن («لوپ + نۇر = لوپنۇر») ياسالغان.
مەزكۇر يېزىلمىنىڭ تېما دائىرىسى، ئۇنىڭدا دېمەكچى بولغانلىرىمدىن ھازىرقى لوپنۇر (لوپلۇقلار) نىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئېتنوگرافىيەسى ۋە تارىخىي كېلىپ چىقىشى قاتارلىقلار ھەققىدە ئارتۇقچە توختىلىشىم ھاجەتسىز. چۈنكى، بۇ ھەقتە تارىخچى موللا مۇسا سايرامى، دۇنياۋى ئۇنىۋېرسال ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف، لوپنۇرشۇناس مويدىن سايىت بوستان، ئېتنوگراف ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا، دوكتۇر، ياش ئالىم ئەسئەت سۇلايمان، ياش تەتقىقاتچى غالىپ بارات ئەرك، ئەنگلىيەلىك ئىكسپېدىتسىيەچى، ئارخېئولوگ مارك ئاۋرىل سىتەين قاتارلىقلار سىستېمىلىق، ئەتراپلىق، مول ھوسۇللۇق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. مەن بۇ يەردە پەقەت لوپنۇر دىيالېكتى (شېۋىسى) قورغىنىنىڭ بوسۇغىسىغا ئوڭۇشلۇق يۈزلىنىۋېلىش مەقسىتىدە لوپنۇر (لوپلۇقلار) نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى خۇسۇسىدا ئۈزۈندە قىستۇردۇم خالاس.
دېمىسىمۇ لوپنۇر (لوپلۇقلار) دىيالېكتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكتلىرى (ئۈچ دىيالېكت) ئارا كۆلىمى ئەڭ كىچىك (لوپنۇر ناھىيەسى ۋە چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ مىرەن يېزا تەۋەسى)، ئىشلىتىدىغان ئادىمى ئاز بىر دىيالېكت. لېكىن، لوپنۇر (لوپلۇقلار) نىڭ ئېتنىك مەنبەسى، ئېتنىك تەركىبى، ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى كەچۈرمىشلىرى، بىرنەچچە يۈز يىل تەنھالىق (غېرىبلىق) تا ياشىشى، ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، تىل ئالاھىدىلىكى قاتارلىق خاسلىقلىرى؛ ئۇزاق ئەسىردىن بۇيان ئۆڭمەي، ئەبجەشلەشمەي، ئەسلىي رەڭگىنى ساقلاپ، بىر خىللا مۇھىتتا ئۆز پۇرىقى، ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە ئالاھىدە، ئۆزگىچە شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىشى ھەرخىل مەنىۋى ئارىلاشمىلىق، جۈملىدىن تىل بۇلغىنىشلىرىدىن ئاساسەن خالىي، قەدىمكى ئانا تىلىمىزغا بەكلا يېقىن، مۇستەقىل لوپنۇر (لوپلۇقلار) شېۋىسىنى ساقلاپ كەلگەن.
دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت، ئىقتىساد، سودا – سانائەت، ساياھەت، مائارىپ، قاتناش، پۇل – مۇئامىلە، تىل – يېزىقلىرى بىلىپ – بىلمەي يەر شارىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەبجەشلىشىۋاتقان، مەلۇم مەنىدە بۇلغىنىش بىلەن ئۆز يېشىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئوتتۇرىسىدا شەپقەتسىز، كەسكىن جەڭ بولۇۋاتقان، ماكان ۋە زاماننىڭ قاتتىق تاللىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئۆتكۈر رىقابەتلىك دەۋردە لوپنۇر (لوپلۇقلار) لۇقلار ۋە لوپنۇر شېۋىسىدەك يارالمىش ھالىتىنى ئەينەن ساقلاش بەختىگە مۇشەررەپ بولۇش جاھاندا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. لوپنۇر شېۋىسىنىڭ بۇ خىل تەڭداشسىز خاسلىقى بۈگۈنكى لوپنۇر (لوپلۇقلار)لۇقلارنىڭ ئەڭ ئوچۇق، توغرا، ساپ تىل ئىستېمالىدا ئەينەن ساقلىنىۋاتقان ئايرىم سۆزلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ سەمەرىلىك، ئۇزاق ئۆتمۈشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىدە زىنھار كەم بولسا بولمايدىغان، دۇنياۋى كاتتا ئەسەر − بۈيۈك تىل قامۇسى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئايرىم سۆزلەر بىلەن بولغان يېقىنلىق مۇناسىۋىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
مەزكۇر تېمىنى چىن پاكىتلار بىلەن دەلىللەش مۇددىئاسىدا ئۇنىۋېرساللىق مۇقامىغا يەتكەن، جاھان خەلقلىرىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان، ئەپسۇسكى ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىمىزدا يوق (ئاللىبۇرۇن ئىستېمالدىن قالغان)، بەختىمىزگە يارىشا لوپنۇردا ھازىرغىچە ئىستېمال قىلىنىۋاتقان ئايرىم سۆزلەردىن ئۆرنەك مىسال كۆرسىتىمەن:
ئىن − يىن، قوينىڭ يىنى                                                        49 – بەت
ئەتەك − ئېتەك                                                                62 – بەت
ئاغىل − ئېغىل، قوتان                                                         66 – بەت
ئاۋا − ئاتا، دادا                                                                  76 – بەت
ئۈرپەك − تۈكلىرى ھۈرپەيگەن (ئادەم ۋە ھايۋانغان قارىتىلغان)         88 – بەت
ئۇسسۇن − ئۈستۈن، يۇقىرى                                                92 – بەت
ئۇلتاڭ − تېگى، كېمىنىڭ تېگى                                             98 – بەت
ئۇجماق − جەننەت                                                          100 – بەت
ئورغۇق − ئورغاق                                                          101 – بەت
ئۈسەك − ئۈستەك، تۆپىلەپ بېرىش                                     101 – بەت
ئاراڭ − ئايران، قېتىق                                                      102 – بەت
ئىسسە − ئىزدە                                                               193 – بەت
گەملەندى − كېسەل بولدى (بۇ سۆز ھايۋانلارغىلا ئىشلىتىلىدۇ)        257 – بەت
بولۇشتۇ − يان بېسىشتى                                                  287 – بەت
سۆكتۈ − سۆكۈش، تىللاش، ھاقارەتلەش                              279 – بەت
سىرتىغ − خەۋەر، دېرەك، مەزمۇن، مەنە                            353 – بەت
يىنچۈ − ئۈنچە (ئۇ ئۈنچە تىزدى)                                      409 – بەت
يىغاچ − ياغاچ؛ دەرەخ، دەل – دەرەخ                              411 – بەت
ئوغۇش − ئۇرۇق، جەمەت، ئەجداد                                  464 – بەت
قارىشتى − قارشىلاشتى، قېرىشتى                                    474 – بەت
قاۋۇشتى − جەم بولدى، بىر بولدى                                  478 – بەت
سۇغۇلدى − پەسەيدى، ئازلىدى، ياندى (سۇ)                     496 – بەت
مانىلدى − چىلاشتى، مىلەندى (سۇغا)                             506 – بەت
تەۋىندى − باش قويدى، باش ئەگدى، تىۋىندى،بويسۇندى، خىزمەت قىلدى                  507 – بەت
تەرۋىدى − تەۋرىدى، قىمىرلىدى                                   556 – بەت
ساقاق − ئېڭەك                                                      625 – بەت
يارىشتى − بەسلەشتى، چېپىشتى،  بەيگىگە چۈشتى….             751 – بەت
تۈپ − كۆتەكنىڭ تۈۋى، كۆتەك، تۈۋ،  تەكىت، ھەرقانداق نەرسىنىڭ تۈپى      779 – بەت
قايغىق − قېيىق                                                   821 – بەت
تاۋا − تاپا، تاپا – تەنە                                           927 – بەت
سىڭەك − چىۋىن                                              961 – بەت
قالقىدى − لەيلىدى، سۇ يۈزىدە لەيلەش                      971 – بەت
ياڭشاش − غۇدۇراش، بىلجىرلاش، چالۋاقاش، تىللاش، قارغاش       975 – بەت
سەڭدەش − يەڭگىش، بوشىنىش                           988 – بەت
«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كونا – يېڭى نۇسخىلىرىنى ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ گۈل كۆرگەندەك ئارىلاپ كۆرۈش نەتىجىسىدە، دەسلەپكى قەدەمدە يۇقىرىقىدەك سۆزلەملەردىن 100 نەچچىنى چېلىقتۇرغان بولساقمۇ، تۈرلۈك ئېھتىياج تۈپەيلى پەقەت 30 نەچچە سۆزنىلا تونۇشتۇردۇق. مۇشۇ خۇسۇستا بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. بۇنىڭدىن كېيىن، قىزىقىش، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىشقا بەل باغلىغان دۇنيا جامائىتى، جۈملىدىن تىلداش ۋە دىلداشلارنىڭ خاس تېمىلار بويىچە تۈركۈملەپ كىتاب يېزىپ چىقىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل. چۈنكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۆز ھەقدارلىرىنىڭ قول سېلىپ تەتقىق قىلىشىنى ھېلىمۇ سۈكۈتتە كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان تۈگىمەس خەزىنە. ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئارا سېلىنغان مەڭگۈلۈك ئانا تىل كۆۋرۈكى − ئوكيانۇس.
خوش، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن ئون نەچچە ئەسىر مۇقەددەم يېزىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئايرىم سۆزلەر بىلەن ھازىرقى لوپنۇر شېۋىسىنىڭ بۇنچە يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل ساقلىيالىشىدىكى تۈپ سەۋەپ زادى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ بېقىشنى راۋا كۆردۈم.
بىرىنچى، لوپنۇر (لوپلۇقلار)نىڭ ناچار جۇغراپىيەلىك شارائىتى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەلمىساقتىن تەكلىماكاننىڭ ئەڭ قەھرىدە (ئىچىدە) بىكىنىپ تەنھا ياشىغانلىقى، جاھان غوۋغالىرىدىن ھەر ۋاقىت مۇستەسنا قېلىپ، ئۆز دۇنياسىدا مۇستەقىل كۈن ئېلىشلىرى؛ ئوزۇقلۇق، مۇھىت، سۇ، ھاۋا ھەتتا روھىيەتتە يېشىللىققا قېنىپ ياشىشى، يىراق – يېقىن بىلەن ئاساسەن ئالاقە قىلماسلىقى، لوپنۇر سىرتىغا چىقىش ۋە سىرتتىن كىرىشنىڭ بولماسلىقى، ئۆرپ – ئادەت، سودا – تىجارەت، تىل، قاتناش قاتارلىقلاردا ئەبجەشلىك، بۇلغىنىشلاردىن ئاساسەن خالىي بولالىشى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى خاسلىقىنى ئاپىرىدە قىلغان.
ئىككىنچى، لوپنۇر (لوپلۇقلار) ئىسلام دىنىغا كېيىن كىرگەن. بۇ رايوندا ئىسلام دىنى تارقىلىشنىڭ كېيىنرەك بولۇشى، ئىسلام قائىدە – شەرئىيلىرىنىڭ ئادا بولۇشىدا ئىزچىللىشالماسلىقى، دىنىي مەكتەپ – مەدرىسەلەرنىڭ بولمىغانلىقى قاتارلىقلار لوپنۇر دىيالېكتى (شېۋىسى) نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئەينەن، ساقلاپ قېلىپ، تىل ئىستېمالىدا ھازىرغىچە ئۈزۈكسىز ئىشلىتەلىشى …… دۇنيادىكى باشقا تىللار، جۈملىدىن ئەرەب – پارس تىللىرىنىڭ كىرىش ئىشىكىنى مەھكەم تاقاپ تۇرۇشىغا ئالاھىدە مەدەت بولغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان 10 – ئەسىردىن (قەشقەر − ئاتۇشتا)، ئومۇمىيلاشقان 16 – ئەسىرگىچە (كۇچا، تۇرپان، قومۇل، خوتەن) ئارىلىقتىكى 600 يىلدا ئەرەب – پارس تىللىرى (مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتلىرى)؛ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن خەنزۇ ۋە رۇس تىللىرى ئۇي غۇر تىلىنىڭ مەركىزى ۋە ئاساسلىق ئىككى دىيالېكتقا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە، ھەتتا ئايرىم ھاللاردا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن، سىڭىپ كىرگەن – يۇ، لوپنۇر دىيالېكتى (شېۋىسى)غا ئاسەسەن تەسىر كۆرسىتەلمىگەن، تەسىر كۆرسەتتى دېگەندىمۇ تولىمۇ ئاستا، ئاز، ئۈزۈك شەكىلدە بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا ئىككى دىيالېكتقا قارىغاندا، لوپنۇر (لوپلۇقلار) دىيالېكتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرى كۆپرەك ساقلىنىپ قېلىش بىلەن بىرگە، لوپنۇر دىيالېكتى «ئەڭ ئوچۇق، توغرا» ۋە ساپ، ئۇنىڭدا ئەرەب – پارس تىل – سۆزلىرى ئىنتايىن ئاز. مەلۇم مەنىدە، بۇ ئۇنىۋېرسال ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «ئەڭ ئوچۇق ۋە توغرا تىل پەقەت شۇ بىر تىلنىلا بىلىپ، پارسلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن بېرىش – كېلىش قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ تىلىدۇر. ئىككى تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلى بۇزۇق بولىدۇ……» دېگەنلىرىگە ئوخشاش.
خۇلاسە كالام، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلىرىنى ئۆز تەركىبىدىكى دىيالېكت، جۈملىدىن ھەرقايسى شېۋىلەردىن (شەخسەن لوپنۇر دىيالېكتىدىن) سۆز – ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە لوپنۇر شېۋىسىدەك قەدىمكى تىلىمىز كۆپرەك ساقلىنىپ قالغان تىل قامۇسى ۋە تىل ئامبىرىدىن ئوزۇق ئېلىش ئارقىلىق تولۇقلاش، ئۆز تىلى ئاساسىدا يېڭى سۆز – ئاتالغۇ ئىجاد قىلىش لازىم. بولۇپمۇ ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشتا − ئىسىم ياساشتا، ئانا تىل ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ياسىساق. تارىخىي يادىكارلىقلارغا، لوپنۇر شېۋىسىگە ئوخشاش ساپ شېۋىلەرگە كۆپرەك مۇراجەت قىلساق. مەسىلەن، «كۆز قارچۇق»، «چوشقا كۈچۈكى» دېگەننىڭ ئورنىغا «قاراق»، «تورۇشەن» دېسەك. ئىمكانىيەت تۇرۇقلۇق ھۇرۇنلۇق قىلىپ، تەييارغا ھەييار بولۇپ، ھە دېگەندە باشقا تىللاردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشتىن ساقلانساق.
پايدىلانمىلار
1. «تۈركىي تىللار دىۋانى» (Ⅰ، Ⅱ توم)، مەھمۇد كاشغەرىي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008 – يىلى نەشرى.
2. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (3 ─ 1)، ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010 – يىلى نەشرى.
3. «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى»، ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 – يىلى نەشرى.
4. «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى»، مويدىن سايىت بوستان، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003 – يىلى نەشرى.
5. «كىرورانغا سەپەر»، مارك ئاۋرېل سىتەين، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010 – يىلى نەشرى.
6. «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە»، نىياز كېرىم، زىۋىدە ساتتار، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006 – يىلى نەشرى.
(ئاپتور: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا)
2012 – يىلى 8 – ئاي، قەشقەر.
ئەسلى مەنبە:سېھىرلىك كروران ناملىق كىتاب
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

17

يازما

76

جۇغلانما

تەستىقلىغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
76
ۋاقتى: 2014-3-28 16:20:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم سىزگە
تۇيۇقسىزلا يەرلىك شىۋە توغرىسىدا سەھىپە ئاچسا بولغۇدەك دەپ پىكىر بىرەي دەپ قالىسام ، بۇنداق سەھىپە باركەن، ئىسىل

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
ۋاقتى: 2017-4-10 13:15:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-10 16:17  

مەرھابا،نور سۆزىنى مۇڭغۇلچە دەپ،ئەجابا ئ‍اۋۇ كۆكنور(چىڭخەي),ئ‍اينور( 月牙泉).......سۆزلىرى 2ئ‍ىرا بۇرۇنلا "نور"دەپ ئ‍اتالغاندا ئ‍اۋۇ چىنگىز مۇڭغۇللارى تېخى مىللەت بولۇپ شەكىللەنمىگەن،مۇمكىن بولسا 24 تارىخ ياكى 25 تارىخ دەپ ئ‍اتالغان كىلاسسىك كىتابلاردا قەيت قىلىنغان،يىەنە "تاغ-ئۆگۈزلەر قۇرئىسى 山海经,خەن-تاڭ،يۈئەن-مىڭ-چىڭ زامانلىرىدا مەخسۇس جۇغراپىي كىتابىمۇ كۆپ يېزىلغان مەخسۇس مەلۇماتلارمۇ  بار،ھىچ بولمىسا ئ‍اۋۇ ھىندىستانغا بارغان تاڭ سېڭ ئ‍اغزاكى دەپ بەرگەن شاگىرتى يازغان"بۈيۈك تاڭ دەۋىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى 大唐西游记...نى بولسامۇ كۆرۈپ باققايسىزلەر،لوپنۇر ئ‍ەسلى "لوبنور=لوپنور" كېيىن" لوپنۇر" بولۇپ قالغا"لوپنور "سۆزىدىكى"نۇر"سۆزى بولسا ئ‍ەرەبچە سۆز،مەنىسى :يارۇق،يورۇق،يۇرۇق ...دېگەن مەناسى بارلىغىنى ھەممم كىشى بىلىدۇغۇ

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
ۋاقتى: 2017-4-10 13:18:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-10 16:19  

لوپنۇر سۆزىدىكى "نۇر"سۆزى ئ‍ەرەبچە سۆز دەپ يازماقچى ،تەھرىرلەش ئ‍ېلىپ بېرىلدى،خەۋەردار بولغايسىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-9-24 05:53 , Processed in 0.129382 second(s), 27 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش